ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشكە قارىتا بىر قانچە خاتا قاراشلار

چاچ

1. باش تېرىسى مايلىشىشنى چاچ چۈشۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قاراش

چاچ

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە باش تېرىسى بەك مايلىق بولغاچقا، چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. باش تېرىسىدىكى ماي بولسا ماي بېزى تەرىپىدىن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن باش تېرىسدىكى مايلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ، بۇ مايلار چاچ غولى ۋە چاچ يىلتىزىغا ئوزۇقلۇق بولىدۇ. بىراق ھورمۇننىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن، باش تېرىسىدىكى ياغ بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ياغلار ھەدىدىن زىيادە كۆپىيىپ تۈك خالتىسىنى توسۇۋېلىپ، چاچ يىلتىزى سۈمۈرىدىغان ئوكسىگىننى سۈمۈرىۋالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن چاچ يىلتىزىنىڭ ئوكسىگېنسىزلىنىشىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا چاچ چۈشۈش كۆرىلىدۇ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا باش تېرىسىنىڭ مايلىشىش چاچ چۈشۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قاراش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس.

خاس باش تېرىسىدىكى ماينى كونترول قىلىش ئارقىلىق چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە يېتىمەن دېيىشنىڭمۇ ئىلمىيلىكى يوق.

2. بۆرەك ئاجىزلىق چاچ چۈشۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى

بەل،بۆرەك

جۇڭيى تېبابىتىدە، بۆرەك ئاجىزلاشقاندىن كېيىن ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىپ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۆرەك قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق چاچ چىقىرىش كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق بەك بىر تەرەپلىمە قاراش. چۈنكى چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولىدۇ، بۆرەكنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغاندا ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى تەڭشىگلى بولغان بىلەن، باش تېرىسىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، ئۇيقۇ ھالەتتىكى تۈك خالتىلىرىنى غىدىقلىغىلى، باش تېرىسىدىن ھەددىدىن ئارتۇق ئايرىلىپ چىققان مايلارنى كونترول قىلغىلى، زەخىملەنگەن باش تېرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ھەممىسىگە ئوخشاش بۆرەك قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان دورا بەرگەندە، ئىستېمالچى ئۈنۈمىنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا بۆرەك قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشنى قوشۇمچە قىلىپ، باش تېرىسى مېخانىزمىنىڭ قالايمىقانلىقىنى تۈزەشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

3. ئېرسىيەت خاراكتېرلىك چوققا تەرەپ چاچ چۈشۈپ كېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمامدۇ؟

چاچ

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە،%51.8 ئەرلەردە ئەجدادلىرىدىن «مىراس» قالغان چاچ چۈشۈش ئالامىتى بولىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇخىل ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولمايدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس، توغرا بولغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ھورمۇن سەۋەبىدىن بولغان (چوققا تەرەپ چاچ چۈشۈش)نى ۋاقتىدا كونترول قىلىپ داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. بۇ بىر قەدەر ئېغىر ئەھۋال بولغاچقا، قانچە بالدۇر داۋالىسا شۇنچە ياخشى، ھەرگىزمۇ داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل ئەمەس.

4.    ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈشنى داۋالاش بىر قەدەر ئاسان

ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئەرلەرگە باققاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ ئالاھىدە بولغان فىزىئولوگىيلىك بەدەن تۈزۈلىشىمۇ چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەش ۋە چاچنى قايتا چىقىرىشقا نىسبەتەن بىر قەدەر قىيىن بولغان توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن ھەيز قالايمىقانلىشىش، بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىق، چارچاش ۋە كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار.

5. دورا ئارقىلىق چىقارغان چاچلار قايتا چۈشمەيدۇ

نۇرغۇن چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانلىرىدا مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچرىتىسىز: «بىزنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن چاچ چۈشۈشتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چاچ چۈشۈشنى ھازىر توختىتىپلا قالماستىن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چىققان چاچلىرىڭىز چۈشمەيدۇ»، «بىزنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن چاچ بويىقىنىڭ زەھىرىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بوياقتىن زەھەرلەرگەن چاچلىرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، چاچلىرىڭىزنى خاتىرجەم بوياڭ!» دېگەندەك. ئەمىسە خوش، راستلا يۇقىردا دېيىلگەندەك، چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەش مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن چاچ قەتئىي چۈشمەمدۇ؟

1.چاچنىڭ دەۋرىيلىكى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ دەۋرىيلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.

2.چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە ھورمۇنلارنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى، قان ئازلىق، ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى قاتارلىقلارغا ئۇچرىسىڭىز چاچ يەنە قايتا چۈشىدۇ. (بۇ خۇددى ئالدىنقى يىلى قىشتا زۇكام بولۇپ ساقىيىپ، بۇ يىل قىشتا دىققەت قىلمىسىڭىز زۇكام بولغانغا ئوخشاش)

3.چاچ بويىقىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى قايتا ئەسكەرتىپ ئولتۇرۇشنى ھاجەتسىز دەپ قارىدىم، چاچنى خىمىيىلىك بوياقتا بويىسىڭىز قانچە ئاسرىغان بىلەن يەنىلا چۈشىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئەسكەرتىدىغىنىمىز، چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەش ۋە چاچنى قايتا چىقىرىش بىر قەدەر مۇرەككەپ جەريان، چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەشكە ئادەتتە بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ (ئەھۋالنىڭ ئېغىر يەڭگىللىكىگە ئاساسەن)، چاچنىڭ قايتا ئۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن (چاچ چۈشۈش توختىغاندىن باشلاپ) ئىككى ئايدىن ئالتە ئايغىچە، بەك ئېغىر بولغانلارغا بىرەر يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى كىلىنكىلىق تەجرىبە ۋە داۋالاش نەتىجىسىدىن كەلگەن، شۇڭا چاچنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشتا ئالدىراقسان بولماسلىق كېرەك. بىر قىسىملارنىڭ كۆپتۈرۈلگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ بىھۇدە پۇل ۋە ۋاقىت، زېھىننى سەرپ قىلماسلىق كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى