ساغلاملىق

ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش سەۋەبى بۇ تۆت خىل كېسەل تۈپەيلىدىن بولۇشى مۇمكىن

ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش مەسىلىسىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ، بەلكىم بۇ مۇنۇ تۆت خىل كېسەل سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. چاچنىڭ ئۆزگىرىشى بىۋاسىتە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. چاچتىكى پارقىراقلىقنى يوقىتىش، قۇرغاقلىشىش، ئاسان سۇنىدىغان بولۇپ قىلىش، ئاچا بولۇپ قىلىش، شالاڭلىشىش دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بەدەن ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلېكىنىڭ بەلگىسى.

چاچ

1.قان ئازلىق

تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەم بولۇشى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇشۇ سەۋەبلىكمۇ قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئازلايدۇ-دە، باشنىڭ تېرىسىگە يەتكۈزۈلىدىغان قاندىكى ئوكسېگىن مىقدارىمۇ ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، تۈك خالتىسى« ئىچىرقاش» ھالىغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چاچنىڭ ئاستا-ئاستا چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بارا-بارا باشنىڭ تىگى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. شۇڭا مېۋە شەربىتى ئىچىپ بېرىڭ، تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ. شۇنداق بولغاندا چىچىڭىزنىڭ ئۆسۈشى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن.

2.بېسىم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى

بېسىم چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بېسىم ئارتىپ كەتكەندە ئادەم بەدىنى چىقارغان ھورمۇن B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە، چاچ پىگمېنتىنىڭ چۆكۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بېسىم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئادەمنىڭ تاز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى خاتا ھالدا باشنىڭ تېرە ھۈجەيرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، كەڭ دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش بىلەن بىرگە، بىرىكمە  ۋىتامىن Bنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

چاچ

3.يېمەك-ئىچمىكى قالايمىقان بولۇش

يېمەك-ئىچمەكنىڭ كېمىيىپ كېتىشى باش تېرىسىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان ئېقىمى مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا چاچنىڭ خۈنۈكلىشىپ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاچ چۈشۈش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مەزگىللىك بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ساقلاپ، ئاقسىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4. قالقانسىمان بەز كېسەللىكى

قالقانسىمان بەز كېسەللېكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىنچىسى چاچ چۈشۈش بولۇپ، قالقانسىمان بەز ھورمونى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كەتسە ياكى كېمىيىپ قالسا ئوخشاشلا ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە چاچنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بارلىق تۈك خالتىلىرى تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا چاچ چۈشۈش دائىرىلىك ئەمەس كەڭ كۆلەملىك يۈز بېرىدۇ.

 

ئەرلەر چېچى چۈشكەندە چوقۇم بۇ كېسەللەردىن ھەزەر ئەيلىشى لازىم. دورا بىلەن داۋالاش ياكى باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىيالايدۇ. چاچنىڭ سالامەتلېكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاقسىلغا مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، كۈندە ئەتىگەندە باشنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى