ساغلاملىق

«كېسەللەر يېسە بولمايدۇ» ھەققىدە خاتا قاراشلار، بۇلار ھەقىقەتەن راستمۇ؟

«كېسەللەر يېسە بولمايدۇ» ھەققىدە خاتا قاراشلار، بۇلار ھەقىقەتەن راستمۇ؟

1. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چوڭ ئاپېلسىن (柚子) يېسە بولامدۇ-يوق؟

ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چوڭ ئاپېلسىن يېسە بولىدۇ، چوڭ ئاپېلسىن تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار، يېمەكلىك تالالىرى ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، سالامەتلىككە پايدىلىق. بىراق قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى سائەت ئىچىدە چوڭ ئاپېلسىن يېيىشكە بولمايدۇ.

«كېسەللەر يېسە بولمايدۇ» ھەققىدە خاتا قاراشلار، بۇلار ھەقىقەتەن راستمۇ؟

2. قاندا ماي يۇقىرى بىمارلار تۇخۇم سېرىقىنى يېسە بولامدۇ-يوق؟

قاندا ماي يۇقىرى بىمارلار تۇخۇم سېرىقىنى مۇۋاپىق يېسە بولىدۇ، ئەمما بىر ھەپتىدە دېگەن تۇخۇم سېرىقى ئۈچ تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

«كېسەللەر يېسە بولمايدۇ» ھەققىدە خاتا قاراشلار، بۇلار ھەقىقەتەن راستمۇ؟

3. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى مېۋە يېسە بولامدۇ-يوق؟

دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشى ياخشى بولسا ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن ۋە شېكەر تەركىبى ئاز بولغان مېۋىلەرنى تاللاپ يېسە بولىدۇ، دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن گىلاس، بۆلجۈرگەن، ئالما، نەشپۈت ۋە چوڭ ئاپېلسىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يامان ئەمەس مېۋە بولۇپ، مېۋە يېيىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قېتىملىق مېۋە يېيىش مىقدارىنى كونترول قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم.

4. زۇكام بولغاندا توخو گۆشى يېيىشكە بولامدۇ-يوق؟

زۇكام بولغان مەزگىلدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك، توخو گۆشى تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار، شۇڭا زۇكام بولۇپ قالغان بىمارلار مۇۋاپىق مىقداردا توخو گۆشى يېسە بولىدۇ.

5. سۈيدۈك ئاجرىتىش يولىغا تاش چۈشكەن بىمارلار پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېسە بولامدۇ-يوق؟

ئەمەلىيەتتە ئىچكى ئەزالىرىغا تاش چۈشكەن بىمارلار پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

«كېسەللەر يېسە بولمايدۇ» ھەققىدە خاتا قاراشلار، بۇلار ھەقىقەتەن راستمۇ؟

6. ھۆل تەمرەتكە بىمارلىرى كالا، قوي گۆشى يېسە بولامدۇ-يوق؟

ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى تاماقتىن چەكلەپ كەتمەيدۇ، كالا گۆشى، قوش گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

7. دانىخورەك چىققاندىن كېيىن مۇچ يېيىشكە بولامدۇ-يوق؟

ھازىرغا قەدەر مۇچنىڭ دانىخورەكنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات يوق، تېرىنى ناچارلاشتۇرۋېتىدىغىنى ئەمەلىيەتتە يۇقىرى مايلىق ۋە يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەردۇر.

8. قالقانسىمان بەز كېسەللىكى بىمارلىرى يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلسا بولامدۇ-يوق؟

بەزى قالقانسىمان بەز كېسەللىكى بىمارلىرى ھەقىقەتەن يودنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك، بىراق بىر قىسىم بىمارلار يودنى كۆپەيتىشى كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم.

«كېسەللەر يېسە بولمايدۇ» ھەققىدە خاتا قاراشلار، بۇلار ھەقىقەتەن راستمۇ؟

بەزى كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە ھەقىقەتەن يېمەك-ئىچمەكنى قاتتىق چەكلەش كېرەك، لېكىن بەزى كېسەللىكلەرگە قارىتا قارىغۇلارچە تەدبىر قوللانماسلىق، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى