تەبىئەت

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

ئىككى كۈن بۇرۇن، ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي جەنۇبى ئەتراپىدىكى ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 86 ئۆي كۆيۈپ كەتكەن، تەسىر دائىرىسى تەخمىنەن 11 مىڭ گېكتار يەر بولۇپ، نۆۋەتتە ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنغان.

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

ئاۋسترالىيەدە دائىم ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئوت قويغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئادەملەردىن باشقا يەنە قۇشلارمۇ بار، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

1.ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ ئوت قويۇش دېلولىرى.

ئاۋسترالىيەدە ئوت قويىدىغان ياۋا قۇشلار قارا سار، قوڭۇر لاچىن قاتارلىق بىر نەچچە خىل يىرتقۇچ قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارا سار بىر خىل ئوتتۇرا تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 54-69 سانتىمېتىر، كىچىك قۇشقاچ، چاشقان، يىلان، پاقا، بېلىق، ياۋا توشقان، كەسلەنچۈك ۋە قۇرت-قوڭغۇزلار قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ، قوڭۇر لاچىن گەرچە لاچىن ئائىلىسىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز، پەقەت ھەرىكىتى ئاستا كىچىك ئوۋلارنىلا تۇتۇپ يەيدۇ.

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

بۇ بىر نەچچە خىل قۇشلارنىڭ ئوت قويۇش ھەرىكىتى دائىم تەشكىللىك ھالدا ئالدىن پىلانلانغان بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا خېلى بۇرۇنلا ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يايلاقتا ئوت قويۇشنى ئۆگىنىۋالغان.

قۇشلارنىڭ ئوت قويغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا ئىزچىل تارقىلىپ كەلگەن، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى پەقەت رىۋايەت، ئويدۇرما دەپ قارايدۇ.

ئەڭ دەسلەپتە قۇشلارغا ئوت قويغانلىقىنى كۆزەتكەن كىشى پېنسىيەگە چىققان ئىنسانشۇناس كىم ئاكېرمان (Kim Akerman) بولۇپ 1977-يىلى 6-ئايدا، كىم ئاكېرمان بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن دالىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا قۇشلارنىڭ ئوت قۇيۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ قالغان، ئۇلار بىر قارا بۈركۈتنىڭ شۇڭغۇپ چۈشۈپ، كۆيۈۋاتقان دەرەخ شېخىنى ئېلىپ، بەش-ئالتە مېتىر يىراقلىقتىكى قۇرۇق ئوت-چۆپكە تاشلاپ كۆيدۈرگەنلېكىنى كۆرگەن.

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئوت ئۆچۈرگۈچى دىك يۇسېنمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى كاكىدۇ دۆلەت باغچىسى ئەتراپىدىكى بىر كاندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئوت كەتكەن نەق مەيداندا ئوت ئەمدى يامرىمىغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پاسىلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغان.

يۇسېن 20 مېتىر نېرىدىكى ئاسماندا بىر سار ئۇچۇپ يۈرگەنلېكىنى، تىرناقلىرىدا ئىس چىقىپ تۇرغان بىر تال دەرەخ شېخىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن، دەرەخ شېخىنى ئاستا-ئاستا تاشلاپ، بۇرۇلۇپلا ئۇچۇپ كېتىپ قالغان.

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بايقىشى ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان، 21-ئەسىرگە كەلگەندە، قۇششۇناسلىق ئالىمى بوب گوسفورد (Bob Gosford) مەقسەتسىز ھالدا «ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالە» دېگەن كىتابنى كۆرگەن، بۇ كىتابتا شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 40 مىڭ يىل ئىلگىرىلا بۇ يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئادىتىنى چۈشەنگەنلىكى، ئۇلارنى «ئوت بۈركۈتى» دەپ ئاتىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، بۇ ئەھۋال گوسفوردنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

2011-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، ئۇ ئالتە يىل نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 20دىن ئارتۇق يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئوت قويغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن دوكلاتىنى خاتىرىلىگەن، ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ئۇ «ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشى قەستەن ئوت قويغان دېگەن» يەكۈنگە ئېرىشكەن،

گوسفورد مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بۇ يىرتقۇچ قۇشلار خېلى ئۇزاققىچە ئىگىزدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، مۇۋاپىق قول سېلىش پۇرسىتىنى تېپىپ، پۇتى ياكى تۇمشۇقى بىلەن كۆيۈۋاتقان دەرەخ شاخلىرىنى ئېلىپ، ئاندىن باشقا جايلارغا ئۇچۇپ بېرىپ ئوت قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت ئۇلغايغاندىن كېيىن ئېرىق قاتارلىق تەبىئىي توسالغۇلارغا ئۇچرىغاندا، بۇ قۇشلار قولچوماقچىغا ئايلىنىپ، ئوتنى ئېرىق-دەريالاردىن ئۆتكۈزۈپ، خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئوتنىڭ يامرىشىغا ياردەم بېرىدۇ».

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

ئاۋسترالىيە يايلىقىنىڭ كۆلىمى 3 مىليون 194 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق سۈنئىي ئوت ئاپىتىنى مۇشۇ يىرتقۇچ قۇشلار پەيدا قىلغان، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى نۇرغۇن كىشلەرنى «كاۋاپ»قا ئايلاندۇرۋەتكەن.

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

2. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئوت قويماقچى بولىدۇ؟

سەۋەبى يەنىلا ياشاش ئۈچۈن، قوڭۇر لاچىننى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىشچانلىقى ناھايىتى ئاجىز، ئەگەر ئۇلار ئوت قويۇش قاتارلىق قىلمىشلاردىن پايدىلانسا، ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ھاشارات، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار قاتارلىق ئولجىلار ئوت ئاپىتىدىن قېچىش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن يوشۇرۇنغان جايدىن قېچىپ چىقىدۇ، دېمەك ئۇلار ئوت قويۇۋەتسىلا تاللا تامىقى مانا مۇشۇنداق ئىسسىق پېتى دوخوپكىدىن ئۈستىلىگە چىقىدۇ، بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلار جاپا تارتىپ ئوۋ ئوۋلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان كۆپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلەيدۇ.

ھازىر بايقالغان تاشقاتما ياغاچ كۆمۈرى شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، 420 مىليون يىللار ئىلگىرىلا قۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلىرى پەيدا بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سۈنئىي ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن ۋاقىتتا، قۇشلار ئۇچالايدىغان بولغاچقا ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنالىغان، ھەر قېتىملىق مۇشۇنداق تەبىئىي ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، زېمىندا نۇرغۇن ھايۋانات جەسەتلىرى پىشىپ كاۋاپ بولۇپ كەتسىمۇ، قۇشلار ھايات قالغاچقا يەر يۈزىدە ئۇلارغا مول يېمەكلىك ئېچىل داستىخاندىكى نازۇ-نېمەتلەردەكلا خۇشياققان. شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇشلار ناھايتى تېزلا ئوت قويۇپ قورساق تويغۇزۇشنى ئۆگىنىۋالغان.

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، بەزى چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ قۇشلار كۆيۈۋاتقان كەتكەن بىر تال دەرەخ شېخىنى ئېلىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ، ئوت كەتمىگەن ئورمانلىقنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇپ بېرىپ نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن تاشلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زور ئوت ئاپىتى شەكىللىنىدۇ.

گوسفورد مۇنداق دەپ قارىغان: «يىرتقۇچ قۇشلار ئورماندىكى ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلالايدىغان «ئۈچىنچى كۈچ» بولۇشى مۇمكىن، قالغانلىرى باشقا سۈنئىي كۈچلەر ۋە چاقماق سوقۇشتىن ئىبارەت».

3. ئۇنداقتا ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن جازالاپ پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمىز؟

ئەگەر ياۋايى قۇشلارنى يوقىتىۋەتسەك ئاۋسترالىيە ئېكولوگىيەسىگە زور تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى قارا سار، قوڭۇر لاچىن قاتارلىقلار ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك جانلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئاۋسترالىيە ئېكولوگىيەسىنىڭ بىر قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرگەن، ئەگەر ئۇلارنى يوقاتسا، پۈتكۈل ئاۋسترالىيە ئېكولوگىيەسىگە زەنجىرسىمان ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

دېڭىز بۈركۈتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ ئاساسەن توشقان، كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، كەسلەنچۈك، بېلىق، دېڭىز يىلىنى، ھاشارات، قارا چېكەتكە ۋە بەزى قۇشلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قۇش پايدىلىق قۇش دەپ قارىلىدۇ، ئۇ غاجىغۇچى ھايۋانلارنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىرىگەن گۆشتىن زەھەرلىنىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

 

4. قانداق قىلغاندا بۇ ياۋا قۇشلارنىڭ ئوت قويۇۋېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟

توغرا ئۇسۇل شۇكى، ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ ئوت قويۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، زوئولوگىيە، قۇششۇناسلىق نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبە ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك شارائىت مۇھىتىنى ئالدىن تەسىس قىلىپ، ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئاساسىي يەكۈنىنى تەتقىق قىلىپ، «قۇشلارنىڭ ئوت قويۇشى»دىن ئىبارەت بۇ خىل بىلىملەرنى ئوت مۇداپىئە باشقۇرۇش لايىھەسىگە كىرگۈزۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش، ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

ئاۋسترالىيە ياۋا قۇشلىرىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش دېلولىرى

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى