تەبىئەت

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

كاكتۇستىن ئىبارەت بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ بىزگە بېرىدىغان تۇنجى تۇيغۇسى شۇكى، ئۇنى ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ھايۋان يېيەلمەيدۇ، ئۇنىڭ تىكىنى كۆپ، ئۇزۇن، قاتتىق، يەنە نۇرغۇن كىچىك تۈكلۈك تىكەنلىرى بار، گۆشكە سانجىلسا چىقىرىۋېتىش تەس ھەم بەك ئاغرىيدۇ. كاكتۇسنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن بۇ خىل فىزىكىلىق مۇداپىئە مېخانىزمى دەل ھايۋانلارنىڭ ئۇنى غاجىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندەك كۆرۈنىدۇ.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

ئەمما ئوتخور ھايۋانلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تەدرىجىي تەرەققىي قىلغاندەك قىلىدۇ، بىر خىل جانلىق بولۇپ، ئۇ چوڭ تۇمشۇقى كاكتۇسنى چاينايدۇ. ئۇ «قۇملۇق كېمىسى» دەپ نام ئالغان تۆگە، ئۇلارنىڭ مىجەزى مۇلايىم بولۇپ 3000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆندۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ قۇرغاق قۇملۇق رايونىدىكى بىردىنبىر قاتناش قورالىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ لوكىسى، ئاچا تۇيىقى، كىرپىكى، كۆزىدىكى نېپىز پەردىسى، كاكتۇسنى چاينايدىغان ئېغىزى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى قۇملۇقتا ياشاش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن، ئۇ ھەر كۈنى 100 كىلوگىرام نەرسىنى سۆرەپ قۇملۇقتا نەچچە ئون كىلومېتىر ماڭالايدۇ.

بولۇپمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ چىققان تۆگە لوكىسىنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا ياغ ساقلانغان بولۇپ، بۇ ياغلارنى جىددىي يۆتكەپ سۇ ۋە ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇ تۆگىنىڭ قۇملۇقتا ياشىيالىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب. ئۇنىڭدىن قالسا يەنە ئۇلار قۇملۇقتا كۆرگىلى بولىدىغان بارلىق يېمەكلىكلەرنى بويسۇندۇرغان بولۇپ، ئوت ـ چۆپ، دەرەخ شاخلىرى، چاتقال، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، دەرەخ يوپۇرماقلىرى، ئەلۋەتتە يەنە سۇ تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى، ئوزۇقلۇقى مول كاكتۇسلارمۇ بار.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

تۆگە نېمە ئۈچۈن كاكتۇسنى يېيەلەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۆگىنىڭ ئاغزى ناھايىتى ئەپچىل، بولۇپمۇ تۇمشۇقى كالپۇكسىمان بولۇپ، يېمەكلىكنى ئاستا ئ‍اغزىغا ئېلىپ ئايلاندۇرالايدۇ، يۆنىلىشنى تەڭشىيەلەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كاكتۇس يېگەندە ناھايىتى جانلىق بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇلارنىڭ ئېغىزىنىڭ ئ‍ىچى ناھايىتى ئۇزۇن سۈت ئۆسۈكچىلىرى بىلەن قاپلانغان، ئۇلارنىڭ ماتېرىيالى بولغان مۈڭگۈز ئاقسىل بىزنىڭ تىرنىقىمىزغا ئوخشاش قاتتىق، يەنە كېلىپ تۆگىنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيىمۇ ناھايىتى قاتتىق، شۇڭا ئۇ كاكتۇسنى چاينىيالايدۇ.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

ئەمما شۇنچە قاتتىق ئېغىز بولغان تەقدىردىمۇ، تۆگە كاكتۇس يېگەندە يەنىلا سانجىپ ئاغرىتىدۇ، بىراق تۆگە بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغاندەك قىلىدۇ، كاكتۇسنى يېيىش ئۈچۈن بۇنچىلىك ئاغرىققا چىدايدۇ.
كاكتۇسنى كۆپ يېگەندە، تۆگىنىڭ تۇمشۇقىمۇ سانجىلىپ يارىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئېغىز ئەتراپى. يۈز قىسمى، شۇڭا تۆگىنىڭ ئىگىسى ئادەتتە ئالدىنئ‍الا تىكىنىنى ئېلىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئېغىزىغا سانجىلىپ قالغان تىكەننى يۇلۇۋېتىدۇ. بولمىسا بۇ تىكەنلەر ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالسا توختىماي ئاغرىتىدۇ.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

تۆگىلەرنىڭ ئاغزىدا ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە بار بولۇپ، ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىمۇ تۆگىنىڭ تەن ئەھۋالىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە توساتتىن گاللىشىپ قالسا ياكى سېسىپ كەتسە، بۇ تۆگىنىڭ بەدىنىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلېكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ھەزىم قىلىش
تۆگە كۆپ قىسىم ئوتخور ھايۋانلارغا ئوخشاش كۆشىگۈچى ھايۋانلاردۇر، بۇمۇ ئۇلارنىڭ كاكتۇس يېيىشىنىڭ سەۋەبى، بولمىسا ئاغزىغا ھېچ ئىش بولمىغان تەقدىردىمۇ كاكتۇسنىڭ ئۇچلۇق تىكىنىنى ھەزىم قىلالمىسا، ئاخىرىدا ئۈچەي يولىنى تىلىۋېتىدۇ.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

تۆگىلەر كالىغا ئوخشاش تېخى تولۇق چاينالمىغان كاكتۇسلارنى، جۈملىدىن تىكەنلىرى بىلەنلا ئاشقازانغا كىرگۈزىدۇ، بۇ ئاشقازان خۇددى يېمەكلىك ئېچىتىش قاچىسىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ يەردە ئۆسۈملۈك تالالىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەر بار، ئۇلار يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئېچىتىدۇ.
كاكتۇس بىلەن تىكەنلەر يۇمشىغاندا، يېمەكلىكلەرنى كۆشەپ چىقىدۇ، تۆگىلەر يېمەكلىكلەرنى ئاستا-ئ‍استا چايناپ ئۈزۈل-كېسىل پارچىلايدۇ، ئاندىن يېمەكلىكلەرنى يەنە بىر قېتىم يۇتۇپ باشقا بىر ئاشقازاندا ھەزىم قىلىدۇ. بۇ چاغدا كاكتۇسنىڭ تىكىنى تۆگىنىڭ بەدىنىگە ئازراقمۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

كاكتۇس يېيىشتە قۇملۇق ھايۋانلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشلا ئەمەس، ئۇلارمۇ ھايۋانلارنىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى يەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۆسۈملۈكلەر ھايۋانلارغا قارشى تۇرىدۇ، ئۆزىنى يەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئويلىمىغان يەردىن خىمىيەلىك ھۇجۇم ئىشلىتىدۇ، مەسىلەن: سېسىق پۇراق قويۇپ بېرىش، ئۆزىنى قىرتاق، ئاچچىق قىلىپ قويۇش دېگەندەك. بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئەجەللىك توكسىن چىقىرىپ، ھايۋانلار يېگەندىن كېيىن جېنىدىن ئايرىيدۇ. قاراڭ، رىقابەت جان بىلەن ئوينىشىدىغان ھالەتكە كەلگەن.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

ئۆسۈملۈك زەھىرى ئالدىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئامالى قالمىغان، پەقەت قايسى ئۆسۈملۈكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، قايسىنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرگەن، خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن، شۇڭا ھازىر دالىدىكى ھايۋانلار ئۆزى تونۇمايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسانلىقچە يېمەيدۇ.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

بۇ دەل ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئ‍ارا ماسلىشىشچانلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى شۇنداقلا ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇسابىقە.

كاكتۇس يېيىشكە ئەڭ ماھىر ھايۋان-تۆگە

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى