ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈچ خىل چارىسى

ئوتتۇرا ياشقا يەتكەنلىكنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى چاچلارنىڭ كۈنسايىن ئازلاپ كېتىشىدۇر. «ئايدىڭ باش» دېگەنلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ، ئۇنداقتا ھەممىلا ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ چېچى چۈشەمدۇ؟ چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

چاچ

ئادەم ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندا چېچى چوقۇم چۈشەمدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەدەننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ بەدەن ئىقتىدارىمۇ ناچارلىشىشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە چېچى چۈشۈشى مۇقەررەر ئەمەس، يەنە بەزى بەدەن ساپاسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ياشانغانلارنىڭ چېچى يەنىلا قويۇق بولىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدىكى دىئالېكتىكىلىق نۇقتىدىن ئېيتقاندا، چاچ چۈشۈش ئادەتتە ئالتە جەھەتتىن پەيدا بولغان:

1. بۆرەك ئاجىزلىق.

چاچ بىلەن بۆرەك ساغلاملىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بۆرەك قۇۋۋىتى تولۇق بولسا، ئۇنداقتا چاچمۇ قويۇق بولىدۇ، ئەگەر بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتسە، چاچ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى كونترول قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئاساس قىلىنىدۇ.

2. قان ئاجىزلىق.

جۇڭگو تېبابىتىدە ئىلگىرى مۇنداق دېيىلگەن: قان ئاجىز بولسا، بىر ئادەمنىڭ ۋېناسىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ، شۇڭا چاچ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

چاچ

3. قان ئىسسىق.

بەزىلەر ياپياش تۇرۇپلا چېچى ئاقىرىپ كېتىدۇ، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە چاچ چۈشۈش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى بۇ جىگەرنىڭ سەپراسى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇقنىڭ جايىدا بولماسلىقىدىن بولۇپ، چاچنىڭ ئوزۇقلۇقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن چېچى قۇرغاق بولۇش ۋە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.

4. ھۆل ئىسسىق.

ھازىرقى تۇرمۇشتا چاچ چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ، تال ۋە ئاشقازان ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھۆل ئىسسىق چاچ يىلتىزىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاچ چۈشۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. قان ئۇيۇشۇش.

قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ۋېنا يوللىرىغا تەسىر قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا قان ئايلىنىش تەسىرگە ئۇچراپ، يېڭى قان توشۇلمايدۇ-دە، چاچ يىلتىزىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، چاچ چۈشۈش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

6. روھىي كەيپىيات راۋان بولماسلىق.

ناۋادا بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىدا دائىم كەڭ دائىرىدە داۋالغۇش بولسا، ئاسان ئىچى تىتىلداپ، ئۇخلىيالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بۇزۇلۇپ، چاچ يىلتىزىنىڭ بوشاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە غەمكىن ئادەمنىڭ قۇۋۋىتىدىمۇ بىنورماللىق كېلىپ چىقىپ، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

چاچ

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن باشلاش كېرەك.

1. ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

چاچنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئاقسىل لازىم، ئەگەر قوبۇل قىلغان ئاقسىل بەك ئاز بولسا چاچ چۈرۈكلىشىپ چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقتا ناشتىلىق ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا چاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

2. چاچنى كۆپ تاراپ بېرىش.

چاچ تاراش ئارقىلىق باش تېرىسىنى ئوزۇقلاندۇرغىلى، باش قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، يەنە پەللىنى ئۇۋۇلاپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

3. چاچ ھۆل چاغدا سىرتقا چىقماسلىق.

چاچ قۇرۇماستىن سىرتقا چىققاندا ناھايىتى ئاسانلا ھاۋادىكى چاڭ-توزاندىن يۇقۇملىنىدۇ، چاڭ-توزان باش تېرىسىگە يېپىشىپ، ناھايىتى ئاسانلا تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ، چاچنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا باشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم چاچنى قۇرۇتۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا باكتېرىيە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە بەدەننى نەملىكتىن قوغدايدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى