تەبىئەت

يەر شارى ھەر يىلى 300 مىليون توننا دېڭىز سۈيىنى «ئىچىۋالىدۇ»

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، بارلىق جانلىقلار سۇغا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭدەك يەر شارىمۇ سۇ ئىچىدۇ. يەر شارى ھەر يىلدا تەخمىنەن 300 توننا دېڭىز سۇيىنى سۈمۈرىۋالىدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ سۇلار قەيەرگە بارىدۇ؟

يەر شارى ھەر يىلى 300 مىليون توننا دېڭىز سۈيىنى «ئىچىۋالىدۇ»

ئالىملار مارىيانا دېڭىز جىلغىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تىنچ ئوكيان بۆلىكى بىلەن فىلىپپىن بۆلېكىنىڭ سوقۇلغان يېرىدە زور مىقداردىكى دېڭىز سۈيىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۈمۈرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ دېڭىز سۈيى دېڭىز ئاستىدىكى تاغ جىنسلىرى ئارقىلىق يەر پوستىغا قاراپ ئاقىدىكەن، يەنە بەلگىلىك تېمپېراتۇرا ۋە بېسىم ئاستىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، غەيرىي سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىدىكەن ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا مانتىسسا قەۋىتىدە قالىدىكەن.

يەر شارى ھەر يىلى 300 مىليون توننا دېڭىز سۈيىنى «ئىچىۋالىدۇ»

ئالىملارنىڭ پەرىزىچە، يەر شارىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 300 مىليون توننا دېڭىز سۈيى شۇڭغۇش بەلبېغى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىدۇ. بۇنداق كۆپ مىقداردىكى دېڭىز سۈيى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئېقىپ كىرسىمۇ، يەر شارىدىكى دېڭىز سۈيى ئازايمايدۇ، ئۇنداقتا بۇ دېڭىز سۇلىرى نەگە كېتىدۇ؟ بەزى ئالىملار بۇ دېڭىز سۈيى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يەر شارى يۈزىگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

يەر شارى ھەر يىلى 300 مىليون توننا دېڭىز سۈيىنى «ئىچىۋالىدۇ»

يانار تاغنىڭ پارتلىشى ئېلىپ كەلگەن سۇ ھورى يەر پوستىدىن سۈمۈرۈلگەن سۇ مىقدارىغا يەتمەيدۇ. شۇڭا يەنە بەزىلەر «دېڭىز ئاستىدىكى چوڭقۇر جايدا بىز تېخى بايقىمىغان سۇ چىقىش ئېغىزى بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلماقتا. يەر شارىنىڭ پەيدا بولغىنىغا تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليون يىل بولدى، ئۇنىڭدا ئىنسانلار يېشىپ بولالمىغان سانسىز سىرلار بار.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى