ساغلاملىق

نېمىشقا راك كېسىلى بىمارلىرى دائىم بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ؟

  1. نېمە ئۈچۈن راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن يەنە چارچايدۇ؟

نېمىشقا راك كېسىلى بىمارلىرى دائىم بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ؟

نۇرغۇن راك كېسەللىكى بىمارلىرىغا دىياگنوز قويۇلغاندا ياكى ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش داۋالىشى مەزگىلىدە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، داۋالاش ئارقىلىق سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، پۈتۈن بەدىنىدە ماغدۇر بولماسلىق، ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كۆپ قېتىم ئارام ئالغان تەقدىردىمۇ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ، بۇ ئالامەتلەر كۆپىنچە راك كېسىلىنى داۋالاشتا پەيدا بولغان ئەكس تەسىردۇر.

ئادەتتە بىز ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت ۋە ھەرىكەتتىن كېيىن چارچاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، لېكىن بىر مەزگىل ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇ ئادەتتىكى چارچاش. ئادەتتىكى چارچاشقا سېلىشتۇرغاندا، راك مەنبەلىك چارچاش بىلەن يېقىنقى مەزگىلدىكى جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى ئوڭ تاناسىپ تۈزمەيدۇ، دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر ھەم داۋاملىشىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئارام ئېلىش ياكى ئۇخلاش ئارقىلىقمۇ يېنىكلەتكىلى بولمايدۇ. ئېغىر بولغاندا يەنە ئاغرىش، كەيپىيات توسالغۇغا ئۇچراش، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلۇپ كېلىپ، بىمارنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ.

نېمىشقا راك كېسىلى بىمارلىرى دائىم بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ؟

2. راك مەنبەلىك چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەش چوڭ «باش جىنايەتچى»

1. دورا بىلەن داۋالاش

بەزى خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى، كىچىك مولېكۇلالىق نىشانلىق دورىلار ۋە بىيولوگىيەلىك ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش دورىلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بىمار ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. بىمار داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن چارچاش ئوتتۇرىسىدىكى پايدا-زىيان ۋە دەرىجىسىنى ياخشى مۆلچەرلەپ، مۇۋاپىق دورا تاللاپ داۋالانسا بولىدۇ.

2. بەدەن ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

ئۆسمە كېسەللىكى ۋە داۋالاشنىڭ قوشۇمچە تەسىرى قاتارلىق ئامىللار بىمارنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى ئاسانلا تۆۋەنلىتىپ، ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىپ بىمارنى ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ، چارچاش ئالامەتلىرى بىمارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاسانلا ئازايتىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك

ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزىدىكى مېتابولىزم، ئۆسمىنى داۋالاش ھەمدە بىماردا پەيدا بولغان خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى قاتارلىق ئامىللار بىمارنىڭ ئىشتىھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئېلېكتىرولىت ۋە سۇ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش، ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى ئۆزگىرىش قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

4. قان ئازلىق

راك كېسىلى ۋە خىمىيەلىك داۋالاش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىماردا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھارغىنلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىمارنىڭ قان ئازلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، بىمارنىڭ چارچاش دەرىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

5. ئاغرىش

كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، ئۆسمە بىمارلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، ھەتتا بەزى بىمارلارنىڭ راك خاراكتېرلىك ئاغرىقى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنمايدىكەن، ئاغرىق ئاسانلا بىماردا باغلىنىشلىق بولغان چارچاش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

نېمىشقا راك كېسىلى بىمارلىرى دائىم بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى