تەبىئەت

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى (Haliaeetus albicilla) بۈركۈت ئائىلىسىدىكى چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، دۆلىتىمىزدە دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش كۈچى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرىدە ئەڭ ئۈستۈنكى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشايدىغان بىر خىل تېنى غايەت زور بۈركۈت تۈرى بولۇپ، گېن قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى بىلەن يېقىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار، ئۇ پولشا مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا پولشانىڭ دۆلەت قۇشى دەپ قارىلىپ پولشانىڭ دۆلەت گېربىگە سۈرىتى ئويۇلغان.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 84~91 سانتىمېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 178~245 سانتىمېتىر، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 4~7 كىلوگرام كېلىدۇ. ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ تاشقى شەكلىدىن قارىغاندا باشقا قۇشلار، بۈركۈتلەر بىلەن ئانچە چوڭ پەرقى يوق، لېكىن ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ تەن شەكلى شۇڭقاردىنمۇ چوڭ بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ بىرى، غايەت زور گەۋدىسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى جەڭگىۋارلىقىغا تايىنىپ باشقا قۇشلارنى ئاسانلا ئوۋلىيالايدۇ، چوڭ چايكا، كۆك قۇتان، لەيلەك ۋە قارچىغا قاتارلىقلارنى ئوۋلايدۇ، كىشىلەر ئۇنى «بوشلۇقتىكى يولۋاس» دەپ ئاتايدۇ. بەزىدە دۇنيا بويىچە «تۆتىنچى چوڭ بۈركۈت» دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئوخشاشلا دۇنيا بويىچە بۈركۈتلەر ئارىسىدا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ئۇچۇش ئىگىزلىكى 3500~2500 مېتىر كېلىدۇ، ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى كۈچلۈك ئوۋلىغۇچى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئولجىلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى ئوۋلىغۇچىلارغا ئوخشاش، ئۇلار ئاسان ئوۋلىغىلى بولىدىغان ئولجىلارنى تۇتۇپ يېيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

بۇنىڭدىن باشقا ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىمۇ ھاۋادىن قۇرۇقلۇقتىكى ئولجىلارنى ئىزدەيدۇ، ئوزۇقلۇق كەمچىل پەسىللەردە باشقا قۇشلار ۋە ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، مەسىلەن، تۈلكە، سېرىق چىلبۆرە ۋە ياۋا توشقان قاتارلىقلار، ھەتتا تيۇلېن بالىلىرى ياكى چىرىگەن گۆش ۋە ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى يەيدۇ، گۆشخور ۋە چىرىندىخور كېلىدۇ.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ چوڭ بۈركۈت، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوۋلىغۇچىدۇر. ئەلۋەتتە بەزى رايونلاردا ئۇ باشقا چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ قۇشلار بىلەن رىقابەتلىشىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ سېرىق بۈركۈت.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئەمما بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە شوتلاندىيەدە ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى ئالتۇن بۈركۈت بىلەن بولغان رىقابىتى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن، ئالتۇن بۈركۈت ھەتتا ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ رايونىدا ئۇۋا ياساشتىن قەتئىي ساقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ ئۈچەي يولى تېخىمۇ ئۇزۇن، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، يېمەكلىك ئاز ئەھۋالدىمۇ تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدۇ.

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى كۆپىيىپ ياشاش جەريانىدا، تەدرىجىي ئىككى كەنجى تۈرگە ئايرىلغان. بىر خىلى گرېنلاند كەنجى تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى گرېنلاند ئارىلى بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ غەربىي جەنۇب ئۇچىغا تارقالغان، مۇتەخەسسىسلەر گرېنلاند كەنجى تۈرىنىڭ ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى بىر مۇستەقىل تۈر بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. لېكىن تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدە، تېخى تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى جۇغلانمىغان، يەنە كېلىپ سانىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن يەنە مۇئەييەن تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت.

 

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان بۈركۈت ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق. خېلى بۇرۇنلا مۇتەخەسسىسلەر زور مىقداردىكى ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ تەبىئىي ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

ئالدى بىلەن تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى يوقىتىپ، تۈر توپىنىڭ سانىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتقان.

ئىككىنچىدىن، دائىم كۆرۈلىدىغان زەھەرلىنىش ھادىسىلىرى، مەسىلەن قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ياقە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى قوغۇشۇندىن بۇلغانغان سۇ قۇشلىرىنى تۇتۇپ يېگەندە، قوغۇشۇن تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرىپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى باشقا ئەتىۋارلىق ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىرىگە كېسەل تەگسە ھەممىسىگە تەسىر قىلىدۇ.

بوشلۇقتىكى يولۋاس-ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قوغداش تەدبىرلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى سانى ئاز، يەنە كېلىپ ھەرقايسى رايونلارغا تارقاق تارقالغان. پەقەت بەزى تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى رايونلاردا سان جەھەتتە بىرقەدەر زور پەرق مەۋجۇت، شۇڭا بۇنى كۆپ رايون ھەر تەرەپلىمە قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى