تەبىئەت

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان شەيئىلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق. مەسىلەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانلار بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. مەيلى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بولسۇن ياكى ئىلىم-پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ھازىرقى دەۋردە بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان تەبىئەتكە يېقىن ھايۋانلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس، لېكىن بەزى كىشىلەر ھادىسىنىلا كۆرۈپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەچكە، بەزى ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا خاتا ئېنىقلىما بەرگەن ھەمدە كۆپىنچە كىشىلەر بۇ قاراشلارغا ھازىرغىچە ئىشىنىپ كەلمەكتە. شۇڭا بىز بۈگۈن كۆپچىلىككە ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۇزۇندىن بېرى ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

1. تۆگىنىڭ لوكىسىدا زور مىقداردا سۇ ساقلانغان بولىدۇ

تۆگىلەر پايانسىز قۇملۇقتا سۇ ئىچمەيمۇ خېلى ئۇزۇن يول يۈرەلەيدۇ. ھالبۇكى كىشىلەر «بۇنىڭ ھەممىسى تۆگىنىڭ لوكىسىدا ساقلانغان زور مىقداردىكى سۇنىڭ تۆھپىسى» دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەمەلىيەتتە تۆگىنىڭ لوكىسىدا مەلۇم مىقداردا ياغ ساقلانغان بولىدۇ. شۇڭا «تۆگىنىڭ لوكىسىدا سۇ بار» دېگەن قاراش بىر خىل خاتا قاراش ھېسابلىنىدۇ. كەڭ كەتكەن چۆللۈكتە يېمەكلىك كەمچىل بولغاندا، تۆگە لوكىسىدىكى ياغنى ئاجرىتىپ ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. شۇنداقلا لوكىسىدىكى ياغنى ئىشلىتىپ بولغاندا، ئۇنىڭ لوكىسى ساڭگىلاپ قالىدۇ. مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، تۆگىنىڭ لوكىسىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇ ئىچكەن سۇ بولسا قان سۇيۇقلۇقىدا ساقلىنىدۇ.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

2. تۆگىقۇش قورقۇپ كەتسە بېشىنى قۇمنى كولاپ تىقىۋالىدۇ

بەزى قاراشلاردا «تۆگىقۇش قورققاندا قۇمنى كولاپ بېشىنى تىقىۋالىدۇ» دېيىلىدۇ. لېكىن بۇ قاراش توغرا ئەمەس، چۈنكى تۆگىقۇش ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۈچ خىل ئاساسلىق تاكتىكا قوللىنىدۇ. يەنى ئۇلار قېچىپ كەتسىمۇ، پۇتى بىلەن تېپىپ ھۇجۇم قىلسىمۇ، يوشۇرۇنۇۋالسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا يوشۇرۇنغان ۋاقىتتا، ئۇلار يەر يۈزىدە تۈز يېتىۋالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن بوينى ۋە باش قىسمىمۇ ئۇلارنىڭ بەدىنى بىلەن بىر تەكشىلىكتە بولىدۇ.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

3. پىل خارتۇمى بىلەن سۇ ئىچىدۇ

پىلنىڭ خارتۇمى بىلەن سۇ ئىچىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا توغرا، ئەمما ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز «پىل خۇددى ئىنسانلار نەيچە بىلەن سۇ سۈمۈرگەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ خارتومى بىلەن سۇنى بىۋاسىتە سۈمۈرۈپ ئىچىدۇ» دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزمۇ خاتالاشقان بولىسىز. ئويلاپ باقايلى، سىز بۇرنىڭىز بىلەن سۇ سۈمۈرۈپ ئىچسىڭىز قانداق تۇيغۇدا بولىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەلىيەتتە پىلمۇ خارتۇمى بىلەن سۇنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئەمما سۇنى خارتۇمى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىچمەستىن، بەلكى ئېغىزىغا پۈركۈيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، پىل خارتۇمىنىڭ ئىقتىدارى خېلى كۆپ بولۇپ، سۇ سۈمۈرۈش ۋە يېمەكلىك تېرىپ ئېلىشتىن باشقا، يەنە ھال سوراش، كۆيۈنگەن ھالدا بىر-بىرىنى سىلاش، تەھدىت سېلىش ۋە چاڭ-توزان چېچىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

4. بارلىق ھەرىلەر ئادەمنى چاققاندىن كېيىنلا ئۆلۈپ كېتىدۇ

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئادەمنى چاققاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دەرۋەقە، ھەسەل ھەرىلىرى ئادەمنى چېقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ نەشتىرى ئادەمنىڭ تېرىسىگە سانجىلغاندىن كېيىن شۇ يەردە قالىدۇ، چۈنكى ھەسەل ھەرىسىنىڭ نەشتىرى تەتۈر ئىلمەك شەكىلدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەل ھەرىسى ئادەمگە نەشتىرىنى سانجىپ تارتقاندا ئۇنىڭ نەشتىرى ئادەمنىڭ تېرىسىدە قالىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەشتىرى بىلەن بىرىكىگلىك ئىچكى ئەزالىرىمۇ زەخمىگە ئۇچراپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن بارلىق ھەرىلەر ئادەم چاققاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشى ناتايىن. دۇنيادىكى ھەرىلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تەتۈر ئىلمەك شەكىلدە بولمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ نەشتىرى نىسبەتەن سىلىق بولىدۇ، شۇڭا نەشتىرىنى تارتىپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە كۆپ قېتىم سانجىپ ھۇجۇم قىلالايدۇ.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

5. قۇش ئۇۋىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن قۇشقاچ ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن

ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر «ئەگەر كىچىك قۇش چاڭگىسىدىن چۈشۈپ كەتسە، شۇنداقلا ئۇنى ئىنسانلار تېپىۋالسا، ياكى ئىنسانلار قۇشقاچنى قەستەن تۇتۇپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قۇشنى چاڭگىغا قويۇپ قويسا، ئانا قۇش بالىسىنى تونۇيالمايدۇ، چۈنكى قۇشلارنىڭ بەدىنىدە ئىنسانلارنىڭ پۇرىقى بار بولىدۇ» دېگەن گەپكە ئىشىنىپ كەلگەن. لېكىن بۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس، كۆپ ساندىكى قۇشلار كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ياشايدۇ. ئۇلار ئاۋاز ئارقىلىق ئولجىنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلەيدۇ، شۇنداقلا كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ پۇراش سېزىمى ناھايىتى ناچار بولىدۇ. شۇڭا نورمال ئەھۋالدا ئۇلار ئىنسانلاردىن تارالغان پۇراقنى ھېس قىلالمايدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن بالىلارنى تونۇيالماي تاشلىۋېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقمايدۇ. ئەگەر ئانا قۇش بالىسىنىڭ چاڭگىغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇنىڭدا بەلكىم باشقا سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، قۇش چاڭگىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ چاڭگىسىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇلارنى «ئۆز ماكانىمىز يوقالدى ياكى بىخەتەر ئەمەس» دەپ قاراپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

6. لەھەڭ نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تامچە قاننىڭ ھىدىنى پۇراپ سېزەلەيدۇ

كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن ئادەتتىكى قاراشتا، بولۇپمۇ كىنولاردا لەھەڭ ئىنتايىن قانخور ھايۋان دەپ تەسۋىرلىنىدۇ ھەمدە ناھايىتى يىراق ئارىلىقتىن ئىنسانلارنىڭ قېنىنى پۇرىيالايدۇ. ھەتتا نۇرغۇن ھۆججەتلىك فىلىم ۋە ئىلمىي ژۇرناللارمۇ بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ئىلمىي تەجرىبە بىزگە بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن ئەمەسلېكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە لەھەڭنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىقتىدارى بەزىدە ئادەتتىكى بېلىقلارغىمۇ يەتمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچەملىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە باقسىمۇ ھېچقانداق پۇراقنى پۇرىيالمايدۇ. پەقەت ئەڭ ياخشى بەدەن ھالىتىدىكى لەھەڭلا تەخمىنەن بىر مىليارد تامچە سۇدا ئېرىگەن بىر تامچە قان ياكى باشقا نەرسىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ. بىراق بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

ھايۋانلار توغرىسىدىكى بىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە خىل خاتا قاراش

7. ئالتۇن بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى پەقەت ئۈچ سېكۈنت بولىدۇ

كۆپ يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئىزچىل ھالدا «ئالتۇن بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، پەقەت ئۈچ سېكۈنت ياكى يەتتە سېكۈنتلا بولىدۇ» دەيدىغان قاراشقا ئىشىنىپ كەلگەن. لېكىن ھەقىقىي ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. ئالىملار بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەجرىبە جەريانىدا، بىر قىسىم ئالتۇن بېلىقلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ھەر قېتىم يېمەكلىك بەرگەن ۋاقىتتا ئالاھىدە ئاۋاز چىقىرىپ ۋە ئالاھىدە رەڭلەرنى تىزىپ بېلىقلارنى جەلپ قىلغان. بىر مەزگىل مەشىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ بېلىقلار باشقا جايغا قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئاز ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنى قايتىدىن بۇ جايغا ئېلىپ كېلىپ، ئىلگىرى مەشىق قىلغان ئاۋازلارنى چىقىرىپ ۋە رەڭلەرنى تىزغاندا، بۇ ئالتۇن بېلىقلار مەشىق قىلغان چاغدىكى ئاۋاز ۋە رەڭ رايونلىرىغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۈزۈپ بارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەجرىبە ئالتۇن بېلىقنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئۈچ سېكۈنت ياكى يەتتە سېكۈنتتىن ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. شۇنداقلا باشقا تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ خاتىرىسى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئايغىچە ساقلىنىدىكەن.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى