بادامسىمان بەز ياللۇغىغا دىققەت قىلىڭ
يىرىڭلىق بادامسىمان بەز ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى نېمە؟
1. پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر: كېسەللىك جىددىي قوزغىلىدۇ، بالىلاردا سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىپ قېلىش (بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40 ~ 38گە يېتىدۇ)، باش ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بەزىدە يۇقىرى قىزىتما سەۋەبىدىن تارتىشىپ قېلىش، قۇسۇش ۋە ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. قىسمەن كېسەللىك ئالامەتلىرى: يۇتقۇنچاق قاتتىق ئاغرىش يىرىڭلىق بادام بەز ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى، يەنە يۇتۇش قىيىنلىشىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بوۋاقلاردا شۆلگەي ئېقىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بادامسىمان بەز ياللۇغىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەكمۇ؟
بەزىدە بادامسىمان بەز ياللۇغى پەيدا بولۇپ قالسا، ئالدىراپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرماسلىق، داۋاملىق كۆزىتىش كېرەك، لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ كېسىلى قايتا-قايتا قوزغىلىپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانسا بولىدۇ.