ساغلاملىق

كۈندە بىر تۇخۇم يېگەندە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

تۇخۇم

ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش… تۇخۇمنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئامېرىكىدىكى بىر يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم يېگەندە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار تۇخۇم سېرىقىدا بىر خىل «چاچ ئۆستۈرۈشنى قوزغاتقۇچى» بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، تۇخۇم سېرىقىنى سىرتتىن ئىشلەتكەندە ياكى يېگەندە قان تومۇر ئىچكى تېرە ئۆستۈرگۈچى فاكتور دېيىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئاقسىلنىڭ تۈك ھۈجەيرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، چاچتىكى كېراتىن (مۈڭگۈز ئاقسىلى) %70 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تۇخۇمدا ئاقسىل مول بولىدۇ. شۇڭا، ئاقسىل تولۇقلاش نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندىمۇ، تۇخۇم يېيىشنىڭ چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى