چاچ چۈشۈشكە نېمە يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ
39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چاچ چۈشۈش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا چوقۇم تۆمۈر ماددىسىنى مۇۋاپىق تۈردە تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى چاچ چۈشۈش بەدەندە تۆمۈر كەملىكنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىگە كۆپچىلىك ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن سېرىق، قارا پۇرچاق، تۇخۇم، تاسما بېلىق، پالەك قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىش كېرەك. بۇلار ئادەم بەدىنىنى قۇۋەتلەش رولىغا ئىگە. بىراق بۇلارنى تولۇقلاش جەريانىدا چوقۇم باشقا ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى تولۇقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ چاچ قۇۋۋەتلەش ۋە ئاسراشنىڭ ھالقىسى. كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەردىن دادۇر، قارا كۈنجۈت، قوناق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چاچنىڭ چۈشۈشى بەدەن ساپاسىنىڭ كىسلاتالىقى بىلەنمۇ بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئەگەر كىسلاتالىقى ئۇزاق داۋاملاشسىمۇ چاچ چۈشۈپ، باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تەركىبىدە ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى كۆپ بولغان يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يېيىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
تۇرمۇشتا يەنە ئوسۇڭ، كاللەكبەسەي، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلارنىمۇ كۆپ يېيىش كېرەك، شۇنداقلا گۆش ۋە ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قۇبۇللىنىشىنى كونتىرول قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چاچ چۈشۈش ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، ئوزۇقلۇقنى كۆپ تەرەپلىمە تولۇقلاش ۋە كونتىرول قىلىش تولىمۇ مۇھىم.