ساغلاملىق

چاچنىڭ بارغانسېرى مايلىشىشى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالامىتىمۇ؟

چاچ

بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە چاچ چۈشۈشتىن بېرىلگەن قاتتىق سېگنال بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بىپەرۋالىقى تۈپەيلى بىلىپ بىلمەيلا تازغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
1. باش يۇيغاندا چۈشىدىغان چاچنىڭ كۆپىيىشى
ھەر قېتىم باش يۇيغاندا، ئەگەر چۈشكەن چاچنىڭ سانى 100 تالدىن ئاشسا، بۇ چاچ چۈشۈشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
2. چاچنىڭ ئىنچىكلەپ جانسىزلىنىشى
ئەگەر چۈشكەن چاچ باشقا چاچلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قىسقا، جانسىز بولسا بۇ چاچنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆسەلمىگەنلېكىنى، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ قورۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق داۋاملاشقاندا، ئۆسۈپ چىققان چاچ بارغانسېرى ئىنچىكلەپ، جانسىزلىنىپ، تۈككە ئوخشاپ قالىدۇ.
3. چاچ مايلىشىشنىڭ كۆپىيىشى
چېچى مايلىق كىشىلەرنىڭ چېچى ئادەتتە كۆپ چۈشىدۇ. باش تېرىسىنىڭ مايلىشىشى تېرە ياغ بەزلىرىنىڭ ناھايىتى جانلانغانلىقىنى، DHT قويۇقلۇقىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىگەنلېكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا چېچى دائىم بەك مايلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ چاچ چۈشۈش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
ئۇنداقتا قايسى ئامىللار چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ؟
ياشلاردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ كۆپىنچە سەۋەبى باش تېرىسىدىكى تېرە ياغلىرىنىڭ كۆپىيىشى ياكى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ نورمالسىزلىقىدىن ئىبارەت. ياشلاردىكى تۇزلۇق، ئاچچىق، يۇقىرى ئاقسىللىق غىزالىنىش ئادىتى ئاسانلا تال-ئاشقازان ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، باش تېرىسىنىڭ مايلىشىشى، قىچىشىشى، كېپەكلىشىشىدەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆگىنىش، خىزمەت بېسىمىنىڭ چوڭىيىشى، دائىم تۈنەش قاتارلىقلارمۇ ئىچكى بەدەن ئىسسىقىنىڭ ئېشىشىنى پەيدا قىلىپ، چاچنىڭ قۇۋۋىتىنى خورىتىدۇ.
ئوتتۇرا ياش ياشانغانلاردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ كۆپىنچسى قارشىلىق كۈچىنىڭ ناچارلىقى، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردۇر. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قان تومۇر قېتىشىش، باش تېرىسى قان ئايلىنىشى بىر قەدەر ناچار بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىغانلىقتىن، ئاسانلا تاشقى دۇنيادىكى مىكرو جانلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، باش تېرىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى پەيدا قىلىپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالتە خىل چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، جۇڭيى تېبابىتىدە قانداق داۋالايدۇ؟
چاچ چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك ۋە كېسەل سەۋەبلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
فىزىئولوگىيىلىك چاچ چۈشۈش بولسا نورمال مېتابولىزىم ئەھۋالى ئاستىدا چاچنىڭ چۈشۈشى بولۇپ، ھەر كۈنى 80 تالدىن ئاز چۈشسە نورمال ھېسابلىنىدۇ.
چاچ ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىش
چاچ يۇيۇش، ئاسراش بۇيۇملىرىنى ياكى ئىشقارلىقى كۈچلۈك، سۈپىتى ناچار چاچ يۇيۇش، ئاسراش بۇيۇملىرىنى زىيادە كۆپ ئىشلەتمەسلىك، چاچ بۈدرە قىلىش، چاچ يۇيۇش، چاچ تاراش، چاچ قۇرۇتۇش قاتارلىق چاچنى زەخمىلەيدىغان ئىشلارمۇ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش
سۇنى كۆپ ئىچىش ياكى تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى(قارا گۆش، تۇخۇم ئېقى، چىڭسەي، بولۇ، مېۋە-چېۋە)، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، ۋىتامىن Eنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك. چاچ چۈشكەن ياكى تاز باش كىشىلەرنىڭ باش تېرىسى قاتتىقلىشىپ كەتكەچكە يۇقىرىقىلارنى يېسە باش تېرىسىنى يۇمشىتىشقا ياردەم قىلىدۇ.
زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش
تۈنىمەسلىك كېرەك، ياخشى بولغان ئارام ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئامال بار ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش كېرەك.
كېپەك يوقىتىش چاچ سۇيۇقلۇقىنى ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بەك كۆپ ئىشلەتكەندە كېپەك يوقىتالمايلا قالماي، ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى