ساغلاملىق

نېمە يېيىش ئارقىلىق چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ؟

بادام

1. ئۆرۈك مېغىزى

ئۆرۈك مېغىزىدىكى ۋىتامىنEنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، بۇ خىل ماددىنى ئادەم بەدىنى قوبۇللىغاندىن كېيىن ھۈجەيرىلەرنى ئەركىن رادىكالنىڭ زەخمىسىدىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ چاچ قارايتىش، ئۆپكىنى سىلىقلاشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. دائىم ئۆرۈك مېغىزى يېيىش چاچنىڭ چۈشۈشىنى تىزگىنلەپ، چاچ ئاقىرىشىنىڭ، قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قارا پۇرچاق

2. قارا پۇرچاق

چاچ بۆرەككە تايىنىپ ئۆسىدۇ. بۆرەكتىكى قۇۋۋەت زىيانغا ئۇچرىغاندا، چاچ يېتەرلىك قۇۋۋەتكە ئېرىشەلمەي، ئاسان ئۈزۈلىدۇ، چاچنىڭ سۈپىتى ناچارلايدۇ. شۇڭا، ساغلام بۆرەككە ئېرىشكەندە، ئاندىن چاچقا قۇۋۋەت تەمىنلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارا پۇرچاقنى كۆپ يېگەندە، چاچنىڭ قارىدىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قارا پۇرچاقتا تۇخۇم سېرىقى ماددىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا مېڭە قۇۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ چوڭ مېڭە سىستېمىسى قېرىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. قارا پۇرچاقتا يەنە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى كۈچەيتىدىغان ماددا بار بولۇپ، بىر قىسىم بېسىمى ئېغىر كىشىلەر دائىم قارا پۇرچاق يەپ بەرگەندە، چوڭ مېڭە نېرۋا بېسىمىنى تەڭشەيدۇ. بۇمۇ چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەشتە ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە.

راك

3. راك

ئەگەر ئادەم بەدىنىدە قان ئاز بولسىمۇ چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئادەم بەدىنى ئۇزاق مەزگىل قان كەملىك ھالىتىدە تۇرغاندا قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار تەسىرگە ئۇچرايدۇ. چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئېھتىياجلىق ماددىلارنىڭ ھەممىسى قان ئارقىلىق قوبۇللىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە قان كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، چاچ ئۆسۈشتە يېتەرلىك قۇۋەتكە ئېرىشەلمەي، چاچ چۈشۈش، قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، راكنى كۆپ يېيىش چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. چۈنكى راكتا كالىي ئىلمېنتى مول بولۇپ، بۇ خىل ماددا نېرۋا ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك ئىگىرى سۈرۈپ، سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم بەدىنى قوبۇللىغاندىن كېيىن، مۇسكۇلنىڭ نورمال قىسىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشتەك ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى قان كەملىك ئەھۋالى بار كىشىلەر دائىم راك يەپ بەرسە قان تولۇقلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى