ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سەككىز خىل ساۋات

سىلەردە چاش چۈشۈشتەك باش ئاغرىقى بارمۇ؟ چاچ يۇغاندا چاچلىرىڭىز تۇتام-تۇتاملاپ چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ بولۇپمۇ ھەر كۈنى چېچىڭىزنى يۇغانسېرى مايلىشىپ، ئازابتىن ۋەيران بولاي دەپ قالدىڭىزمۇ؟ ھازىرقى كىشىلەرنىڭ چاچ چۈشۈشى چوڭلارنىڭكىدىن 20 يىل بۇرۇن ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەتتى! بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چاچ چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

چاچ

«چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، %80 ~%90 ئېرسىيەتتۇر.»

ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغاندا چاچ چۈشۈشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ «كېچىسى ئۇخلىماسلىق، ئەتىگەندە قوپماسلىق» ئادىتىمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەب، چۈنكى كۈندۈزى سەككىز سائەت ئۇخلىسىمۇ كېچىسى ئۇخلىغاندەك بەدەننى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا كەچ سائەت 10 دىن سەھەر سائەت 3 كىچە بولغان «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسى»غا چوقۇم قاتنىشىش كېرەك.

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى سەككىز خىل ساۋات

1. قەنت تەركىبى بەك يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بەدەندىكى پارچىلىنىش، مېتابولىزم جەريانىدا زور مىقداردا كىسلاتالىق ماددا ھاسىل قىلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ؛ شېكەر پارچىلانغاندا زور مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىپ، تەر بېزى، تېرە ياغ بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىپ، تېرە ئاستىدىكى ياغنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈك خالتىسىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاچ چۈشۈپ كەتكەنلەرگە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

2. چاچنى ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇيۇش

باش تېرىسىمۇ تېرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، باش تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىغاندىلا، تۈك خالتىسىنىڭ نەپەسلىنىشىنى راۋانلاشتۇرغىلى، باش تېرىسىنىڭ ئوكسىدلىنىپ، باش تېرىسىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چاچنى كۈندە يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر زىيادە كۆپ يۇيسا باش تېرىسىگە زىيان يېتىدۇ.

3. چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا سۈرتۈپ قۇرۇتۇش كېرەك

چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال سۈرتۈش كېرەك، ھۆل چاچ باش تېرىسىگە چاپلىشىپ قالسا چاچنىڭ سۇ تەركىبى ئېشىپ كېتىش سىگنالى بېرىدۇ-دە، باش تېرىسىنىڭ ماي تەركىبى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىلىپ، يەنە زىيادە كۆپ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. مەشغۇلات ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك

ئۇيقۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت يېتەرلىك بولماسلىقى نۇرغۇن كېسەللىكلەر ۋە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا چوقۇم يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت بېسىمىنى مۇۋاپىق يېنىكلەتكەندە، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى نورمال بىرلەشتۈرگەندىلا، بەدەن ساپاسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، بەدەننىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئۈنۈملۈك ھالدا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۇيقۇ،ئۇخلاش،چارچاش

5. چاچنى بۈدرە قىلىش، بوياش قاتارلىقلارنى ئازايتىش

ئادەتتە چاچنى پات-پات بۈدرە قىلىش، بوياش قاتارلىقلارنى چوقۇم ئازايتىش كېرەك. ئەگەر چاچنى بۈدرە قىلىش، بوياش زۆرۈر بولسا، ئىمكانقەدەر يۇقىرى سۈپەتلىك چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
6. باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش
باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش ھەر كۈنى ئۆزىمىز ئېلىپ بارالايدىغان تەبىئىي ئاسراش ئۇسۇلىدۇر، چوقۇم ھەر كۈنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ، خىيالىغا كەلگەندە قىلىپ قويۇپ، خوشياقمىسا تاشلاپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئەگەر چىڭ تۇرمىسىڭىز يەنىلا ئۈنۈمى بولمايدۇ.

7. ئاپتاپقا بىۋاسىتە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش

كۈن نۇرىدىكى بىنەپشە نۇرى چاچقا زىيان يەتكۈزۈپ، چاچنى سارغايتىۋېتىدۇ، شۇڭا ياز پەسلىدە ئاپتاپقا بىۋاسىتە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش، سىرتتا سۇ ئۈزگەندە، ئاپتاپقا قاقلانغاندا چاچنىڭ ئاپتاپقا بىۋاسىتە قاقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
8. بارماقلار بىلەن تېرىسىنى چېكىش
باشقا نۇرغۇن پەللىلەر تارقالغان بولۇپ، ھەر كۈنى بارماقلار بىلەن باش تېرىسىنى چەكسە ياكى باسسا، باش تېرىسىدىكى يەل ۋە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلاپ، چاچ يىلتىزىنى مۇستەھكەملەپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئىككى قولنىڭ ئون بارمىقىنى سەل-پەل ئېگىپ، بارماقنىڭ قورساق تەرىپى (بارماق ئۇچىنىڭ يۇمشاق قىسمى) بىلەن باش تېرىسىنى يېنىك چېكىپ بېرىش، كۈچنىڭ سىجىللىقى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك، باش تېرىسىنىڭ سەل-پەل ئۇيۇشقانلىقىنى ھېس قىلغاندا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ.

چاچ

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمۇ چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، چېچى چۈشىدىغان بىمارلار ياغدىن پەرز تۇتۇشى، قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، مۇچ، خام سامساق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى