ساغلاملىق

قانداق يېمەكلىكلەر چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر چاچ ئاسراش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئېھتىمال چاچنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىغا ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، شۇڭا ئادەتتە كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى چېچىنىڭ قويۇق بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق چاچ ئاسرىساق بولىدۇ.

كۆكتات

ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنداقتا چاچ ئاسراشتا تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار قايسىلار؟

1. ۋىتامىن E نى تولۇقلاش: ۋىتامىن E چاچنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. يېڭى ئۇسۇڭ، كاللەك بەسەي، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ.

2. تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش: تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، مەسىلەن، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، تۇخۇم، تاسما بېلىق، راك، پىششىق يەرياڭىقى، پالەك، كارپ بېلىقى، بانان، سەۋزە، بەرەنگى قاتارلىقلاردا تۆمۈر مادددىسى مول.

3. ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى تولۇقلاش: چاچ قۇرغاقشىپ، ئۇچى يېرىلىپ كەتسە سېرىق پۇرچاق، قارا كۈنجۈت، كۆممىقوناق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ.

4. يود ماددىسنى تولۇقلاش: لامىنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، ئوستېر قۇلۇلىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ.

5. تەركىبىدە ئىشقارلىق ماددا بار بولغان يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش: چاچ چۈشۈش ۋە چاچنىڭ سارغىيىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى شۇكى، قان تەركىبىدە كىسلاتالىق توكسىن كۆپىيىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيادە چارچاش، ئۇزۇن مۇددەت شېكەرلىك ۋە ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بەدەندىكى مېتابولىزم جەريانىدا كىسلاتالىق توكسىن پەيدا بولىدۇ.

شۇڭا كۆپچىلىك چاچ چۈشۈشتىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسىدىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى تولۇقلاپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىسەك چاچنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يېتەلەيمىز.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى