ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنى داۋالاشتىكى كىچىك رېستىپلار

چاچ چۈشۈش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئادەمنىڭ ھەر كۈنى 80 تال چېچى چۈشىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال، ئەگەر چۈشكەن چاچ 120 تالدىن ئېشىپ كەتكەندە چاچ چۈشۈش كېسەللىكىگە تەۋە بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چاچ چۈشۈشنى داۋالىتىش كېرەك.

چاچ چۈشۈشنى داۋالاشتىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل: چاچ تېرىسىنى غىدىقلاش ئۇسۇلى

تاغاق

  1. باش تېرىسىنى غىدىقلاش

بۇ ئۇسۇلدا ياغاچ تارغاق بىلەن چاچنى تارىسىمۇ، ياكى قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن رېتىملىق ئۇۋۇلىسىمۇ بولىدۇ، ھەر كۈنى كۆپ قېتىم قىلىش كېرەك.

زەنجىۋىل.كۆكتات

2. زەنجىۋىلنىڭ سۈيىنى باش تېرىسىگە سۈركەش ئارقىلىق باش تېرىسىنى غىدىقلاش، بۇ ئۇسۇلنى ھەر كۈنى ئەتتىگەن كەچتە قىلىپ بېرىش.

چاچ

3. سوغۇق سۇدا باش يۇيۇش، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بارماقلىرى بىلەن باش قىسمىنى يېنىك ئۇۋۇلاش، تاكى باش تېرىسى قىززىپ ئاغرىغۇچە ئۇۋۇلاش كېرەك، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، يېڭى چاچلارنىڭ ئۈنۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مېۋە،ئاپېلىسىن

4. چوڭ ئاپېلىسىن پوستىدىن 25 گىرام تەييارلاپ، ئۇنى قايناق سۇدا 24 سائەت چىلىغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى شۇ سۇدا چاچ چۈشكەن ئورۇننى يۇيۇش ئارقىلىق چاچ چىقىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

ئۇۋۇلاش

بەدەننى تەڭشەش ئۇسۇلى

ئادەمنڭ بېسىمى زىيادە ئارتىپ كەتكەندە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويۇۋېتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى ئاسراپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەش، چاچ چىقىرىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى