دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە «مىخ ئۆي»، 0.3 كىۋادرات مېتىر كەلسىمۇ لېكىن ھېچكىم چېقىلالمىغان
نۆۋەتتە ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىگىز بىنالار ئارقا-ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، شۇڭا كونا ئۆيلەرنى چېقىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ چاغدا قۇرۇلۇش ئاچقۇچىلار بىلەن ئەسلىدىكى ئاھالىلەر ئاسانلا زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، ئۆزئارا تىركىشىش ئەزەلدىن توختاپ قالمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئاتالمىش «مىخ ئۆي»لەر بارلىققا كەلدى، ئەمەلىيەتتە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار پەقەت باھا جەھەتتە كېلىشەلمىگەن.
مەسىلەن ئامېرىكىدا پەقەت 0.3 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «مىخ ئۆي» بار. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئۆي ئەمەس، تاممۇ ئەمەس، پەقەت ئۈچ بۇرجەك رايون، ئۈستىگە تونۇشتۇرۇش ئۇچۇرى يېزىلغان. ئەمما ئەزەلدىن ھېچكىم يۆتكەشكە ياكى قاپلاپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان، ئەكسىچە ئۇ شۇ جايدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلانغان.
ئەمەلىيەتتە بۇ كىچىككىنە يەر شۇ جايدىكى داڭلىق خېس جەمەتىگە تەۋە. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى ئانچە بىلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ جەمەت ناھايىتى باي، يەنە كېلىپ يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت دەۋر سۈرگەن، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت شەھەردىكى بەزى ئىمارەتلەرنى چېقىۋېتىپ، قايتا قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغان. بۇ خېس جەمەتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، چۈنكى بۇ يەر ئۇلارغا تەۋە ئىدى.
ناھايىتى تېزلا ئىككى تەرەپ دەۋالىشىشقا باشلىغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن خېس جەمەتى مەغلۇپ بولغان. ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىمارەتنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىش ھوقۇقى بار ئىدى، شۇڭا ئاخىرىدا خېس جەمەتى بۇ يەرنى ھۆكۈمەتكە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، لېكىن ھۆججەت ئىمزالىغاندا، ئوغرىلىقچە 0.3 كىۋادرات مېتىرنى ئاز يېزىپ قويغان. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە ئىش پۈتكەندە، قايتا ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر ساقلىنىپ قالغان.
بۇ كىچىككىنە ئىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يۈز يىل ئاۋارە قىلغان دېسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ئامالسىز قالغان. خېس جەمەتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا گەرچە بىر قىسىم مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىچىك بىر پارچە يەر كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر بارغانسېرى داڭق چىقارغان.
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى