ساغلاملىق

ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟

 

ھەسەل راستتىنلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرالامدۇ؟

ھەسەلنىڭ تەركىبىدە %75 ~ %65 ساخارىدلار بولۇپ، بۇ گلۇكوزا، فرۇكتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە فرۇكتوزا بۇ ئۈچ خىل ساخارىدلارنىڭ %40تىنى ئىگىلەيدۇ. بەزىلەر ھەسەل ئىچسە ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ دېيىشىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەسەل تەركىبىدە فرۇكتوزا بولغانلىقىدا.

فىزىئولوگىيىلىك ھالەت نورمال بولسا، ھەسەل تەركىبىدىكى مېۋە شېكىرىنى كىچىك ئۈچەي تولۇق سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئەمما مېۋە شېكىرىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر بۇنى تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ. سۈمۈرۈلمىگەن فرۇكتوزا ئۈچەي يولىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئۈچەي يولىدىكى ماددىلارنىڭ ئوسموس بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ تەرەتتىكى سۇ تەركىبىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قىسىم مېۋە شېكىرى يەنە ئۈچەيدىكى بەزى ئالاھىدە باكتېرىيەلەر توپىنىڭ يېمەكلىكىگە ئايلىنىپ، قىسقا زەنجىرلىك ياغ كىسلاتاسى ۋە گاز ھاسىل قىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ. يەنى ھەسەلنىڭ ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئەمما مېۋە شېكىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولمىغانلارنىڭ كىشىلەر توپىدىكى نىسبىتى تەخمىنەن %30 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ھەسەل ئىچىش ھەممىلا ئادەمگە نىسبەتەن ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ئەمەس.

يېشىغا توشمىغان بالىلار ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلار ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇپراق ۋە چاڭ-توزانلار تەركىبىدە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل باكتېرىيە بولۇپ، ھەسەل ھەرىلىرى گۈل چېڭىنى يەپ ھەسەل ئىشلەش جەريانىدا دائىم باكتېرىيە بولغان گۈل چېڭى ۋە ھەسەلنى ھەرە ساندۇقىغا ئېلىپ كېتىپ، ھەسەلنى بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىتىدىكەن. بوۋاقلاردا ئۈچەي يولى مىكرو ئورگانىزىم ئېكولوگىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى مۇقىم بولمىغانلىقتىن، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، ئىستېمال قىلىنغان بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى ئاسانلا ئۈچەي يولىدا كۆپىيىپ، زەھەر پەيدا قىلىدىكەن. چوڭلارنىڭ قارشىلىق كۈچى يۇقىرى بولۇپ، ھەسەل ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ سپورىسى بەدەندە كۆپىيىپ، بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىگە ئايلىنالمايدىغان ۋە بوتۇلىزم توكسىنى ھاسىل قىلالمايدىغان بولغاچقا، كېسەللىك قوزغالمايدىكەن. ھەسەل يېيىشتىن زەھەرلەنگەن بوۋاقلاردا كېچىكىش خاراكتېرلىك پالەچلىك، يىغا ئاۋازى ئاجىز بولۇش، كۈچەپ ئېمەلمەسلىك، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن. شۇڭا، ئالىملار بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارغا ھەسەل بەرمەسلىك تەكلىپىنى بەرگەن.

ھەسەلدىن كۆپۈك چىقىش بۇزۇلۇپ قالغانلىقتىنمۇ؟

ئەگەر ھەسەلنى بىر مەزگىل قويۇپ قويغاندىن كېيىن كىرىستاللاشسا، ھەسەلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەسەل تەركىبىدىكى گلۇكوزا ئاسان كرىستاللىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولغاندا بىر مەزگىل تۇرغۇزۇپ قويسا كرىستاللىشىدۇ. بۇ ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە تەمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئەگەر ھەسەل ئېچىپ قالسا ئىچىشكە بولمايدۇ. پىشمىغان ھەسەلنىڭ سۇ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ھەسەلدە زور مىقداردا كۆپىيىپ، قەنتنى ئىسپىرت ۋە كاربون دىئوكسىدقا پارچىلايدۇ، مانا بۇ ھەسەلنىڭ ئېچىپ قېلىشىدۇر. ئېچىپ قالغان ھەسەلنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە تەمى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك.

يول بويىدا سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش «تەبىئىي ھەسەل»لەر

ھەسەل«پىشقان ھەسەل» ۋە «پىشمىغان ھەسەل» دەپ ئايرىلىدۇ. پىشقان ھەسەل ھەرىسى گۈل شىرنىسىنى تولۇق ئېچىتقاندىن كېيىن، سۇ تەركىبى تۆۋەن، مېۋە شېكىرى، گلۇكوزا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھەسەلگە ئايلىنىدۇ، بۇنداق ھەسەلنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، ساقلاشقىمۇ ئاسان. پىشمىغان ھەسەل تولۇق ئېچىتىلمىغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتى ۋە ساقلاش خۇسۇسىيىتى پىشقان ھەسەلدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولىدۇ. مۇنتىزىم ھەسەل مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە پىشقان ھەسەلنى خام ئەشيا قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئارىلاشمىلارنى سۈزۈۋېتىپ، ئاندىن مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ھازىر بىر قىسىم ھەسەلچىلەر ھەسەل پىشمىغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ئەھۋالدا بىۋاستە سېتىۋاتىدۇ. بۇنداق ھەسەلنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمايلا قالماستىن، سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە بىخەتەر ئەمەس. سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم مۇنتىزىم ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش كېرەك ۋە پارچە سېتىلىدىغان ھەسەلنى خالىغانچە ئالماسلىق كېرەك.

ھەسەلنى قانداق تاللاش كېرەك؟

(1) سەپلەنگەن ماتېرىياللارغا قاراش. ماتېرىيال تەڭشەش جەدۋىلىدە مەھسۇلات نامىدىكى ھەسەلدىن باشقا، غەيرىي ھەسەل تەركىبى بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ماتېرىيال تەڭشەش جەدۋىلىدە بۇ مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىدە مېۋە-گلۇكوزا شېكەر قىيامى، ساخاروزا، گلۇكوزا، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ، قويۇقلاشتۇرغۇچ، چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا، سۈزۈلدۈرگۈچ قاتارلىق تەركىبلەر بارلىقى ئەسكەرتىلسە، سېتىۋالماسلىق كېرەك.

(2) سۈپەت دەرىجىسىگە قاراش. بىرىنچى دەرىجىلىك مەھسۇلات ئەڭ ياخشى.

(3) مەھسۇلاتنىڭ رەڭگىگە قاراش. ياخشى ھەسەلنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك، رەڭگى تەكشى، سۈپەتسىز ھەسەل دۇغ ھەم ئارىلاشما بولىدۇ.

(4) ھالىتىگە قاراش. بوتۇلكىلىق ھەسەلنى ئۆرۈپ ئايلاندۇرساق، ساپ ھەسەلدە سوزۇلۇپ ئېقىش ھالىتى پەيدا بولىدۇ.

(6) قويۇقلۇق دەرىجىسىگە قاراش. ھەسەلنى چايقاپ ئېقىش سۈرئىتىگە قاراپ بېقىڭ، ئېقىش سۈرئىتى ئاستا بولسا، قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ.

ھەسەلنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشقا بولامدۇ؟

مۇنتىزىم ھەسەل مەھسۇلاتلىرىدا شېكەر مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئۆزىدە يەنە باكتېرىيەگە قارشى ماددا بولغاچقا، ئاسانلىقچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، نورمال تېمپېراتۇرىدا سالقىن جايدا، بوتۇلكا ئاغزىنى ھىم ئېتىپ قويسا بولىدۇ، توڭلاتقۇغا سېلىش ھاجەتسىز.

چىلان گۈلى ھەسىلى، تۇخۇمەك گۈلى ھەسىلى، تېۋىلغا گۈلى ھەسىلى قاتارلىق ھەسەللەرنىڭ قانداق پەرقى بار؟

تۈرى ئوخشاش بولمىغان ھەسەللەرنىڭ كېلىش مەنبەسى، تەركىبى، ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتى ۋە ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تۇخۇمەك گۈل ھەسىلى، شەپەقگۈل ھەسىلى ۋە ئوسمانتۇس گۈلى ھەسىلىنىڭ رەڭگى سۇس، تەمى خۇش پۇراق، كىرىستاللىرى ئاز بولىدۇ. بۇ ھەسەلللەرنىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل، قەنت مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ياشلارنىڭ ئىچىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

رەڭگى قېنىق، پۇرىقى كۈچلۈكرەك ھەسەل، مەسىلەن، چىلان گۈل ھەسىلى، يەنە بەزى ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە ھەسەللەر، مەسىلەن، مامۇرانچىن ھەسىلى، قانتېپەر ھەسىلى، گۈلبوغۇن ھەسىلى قاتارلىق ھەسەللەرنىڭ بەلگىلىك ئىسسىقلىق تولۇقلاش رولى بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

كۆپ ئۇچرايدىغان ھەسەللەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈنۈمى

تۇخۇمەك گۈل ھەسىلى: سۈيى ئاق، رەڭگى سۈزۈك، تاتلىق، تۇخۇمەك گۈلىگە خاس پۇرىقى بار بولۇپ، ئاسان كىرىستاللاشمايدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

شەپەقگۈل ھەسىلى: سۇس كەھرىۋا رەڭ، سۇس كۆك رەڭ، خۇش پۇراق، تاتلىق ھەم كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، ئاسان كىرىستاللاشمايدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشىش، كۆڭۈل ئاينىشنى يوقىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ غىدىقلىشىنى پەسەيتىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئوسمانتۇس گۈلى ھەسىلى: سۇس سېرىق رەڭلىك، سۈزۈك، خۇش پۇراق، تەملىك. ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، زەھەرنى قايتۇرۇپ، قۇرغاقلىقنى ھەيدەش رولى بار.

ئاپېلسىن ھەسىلى: سۇس سېرىق رەڭلىك بولۇپ، كىرىستاللاشقاندىن كېيىن ئۇششاق دانچىسىمان ھالەتكە كېلىدۇ. يۆتىلىش، بەلغەم كۆپ كېلىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

چارتال ھەسىلى: سۇس كەھرىۋا رەڭگىدە بولۇپ، پۇرىقى كۈچلۈك، تەمى تاتلىق ۋە يېيىشلىك، كىرىستاللىرى يۇمشاق. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىپ دەم سىقىلىشنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى تۈگىتىپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

تېۋىلغا گۈل ھەسىلى: سۇس كەھرىۋا رەڭ، يېڭى ھەسەل رەڭگى سۇسراق بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاسان كىرىستاللىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قۇرغاقلىقنى تۈگىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار.

لىپا دەرىخى ھەسىلى: سۇس سېرىق ياكى ئالتۇن رەڭ، ئېغىزغا تېتىغۇدەك ئالاھىدە پۇراقلىق بولۇپ، ئاسان كىرىستاللىشىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

لىجى ھەسىلى: سۇس كەھرىۋا رەڭ ياكى سەل قېنىق بولۇپ، لىجى گۈلىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، ئاسان كىرىستاللىشىدۇ. ئۇنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ھۆللۈك پەيدا قىلىش رولى بار.

چىلان گۈل ھەسىلى: ئوتتۇراھال كەھرىۋا رەڭلىك، شىرنىسى سۈزۈك، تەمى تاتلىق، ئالاھىدە كۈچلۈك پۇراقلىق، كىرىستال دانىچىسى تومراق. تەبىئىتى تاتلىق، مۆتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قاننى كۆپەيتىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

ھەر خىل گۈل ھەسىلى: رەڭگى قېنىق بولۇپ، كۆپ خىل گۈل شىرنىسىنىڭ ئارىلاشما ھەسىلى ھېسابلىنىدۇ، تەمى تاتلىق، تەبىئىي ھەسەلنىڭ خۇشپۇرىقى بار.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى