ساغلاملىق

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يۈرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولىنى ھېچقانداق ئەزا باسالمايدۇ، ناۋادا ئادەمنىڭ يۈرىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە ئۆمرى ئاساسەن ئۇزۇن بولمايدۇ. يۈرەك ھەر ۋاقىت توختاۋسىز، رىتىملىق سوقۇپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئالىملار يۈرەك سوقۇش بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە يۈرەك سوقۇش رىتىمى ئاستا كىشىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى تېز كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، نورمال دائىرە ئىچىدە يۈرەك سوقۇش رىتىمى قانچە ئاستا بولسا، ئادەم شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.

نېمە ئۈچۈن يۈرەك سوقۇش بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەيمىز؟ مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك سوقۇشى تېز بولغان كىچىك چاشقان ۋە توشقان قاتارلىقلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە ناھايىتى قىسقا بولىدىكەن، ئەمما تاشپاقا، تىمساھ قاتارلىق يۈرەك سوقۇشى ناھايىتى ئاستا بولغان ھايۋانلار ئادەتتە 100 يىلدىن ئارتۇق ياشىيالايدىكەن. ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە، يۈرەك سوقۇش رىتىمى ھەر مىنۇتىغا 11 قېتىم كۆپ بولغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %15 ئاشىدىكەن، چۈنكى يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، ئارتېرىيەگە بولغان بېسىم شۇنچە چوڭ بولىدىكەن.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

نورمال ئەھۋالدا قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن 100 قېتىمغىچە بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى بىر قەدەر تېز بولۇپ، 110 قېتىمدىن 130 قېتىمغىچە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەر. نورمال دائىرە ئىچىدە يۈرەك سوقۇش رىتىمى قانچە ئاستا بولسا، شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ نەتىجە يۈرەك سوقۇش رىتىمى 60-70 ئەتراپىدا بولغان كىشىلەرنىڭ، باشقىلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى بولسا، يۇقىرىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى پەقەت تىنچ ھالەتتىكى يۈرەك رىتىمى. ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ھاياجانلانغاندا يۈرەك رىتىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سېمىزلىك قاتارلىق ئامىللارمۇ يۈرەك رىتىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

ناۋادا سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدە مەسىلە بولسا، سىز چوقۇم يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەش ئەسۋابىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك رىتىمىنى دائىملىق كۆزىتىپ، يۈرەك رىتىمىنى ئۆز ۋاقتىدا كونترول قىلىپ، مۇقىم ھالەتنى ساقلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەلۋەتتە، سىز يەنە قەرەللىك تۈردە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

قانداق ئەھۋال ئاستىدا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ؟

1. ھەرخىل تۇرمۇش ئادىتى يۈرەك سوقۇشنىڭ تېزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسىلەن، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، بەك ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، بىراق بۇ خىل غىدىقلاشلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ ھەم بەدەنگە ئۇزۇن ۋاقىت تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، پىسخىك پائالىيىتى جىددىي بولغان ۋاقىتتىمۇ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا ئەڭ ياخشى يۈرەك رىتىمىغا دىققەت قىلىشى، نورمىدىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك، بولمىسا يۈرەككە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتتىكى يۈرەك سوقۇش رىتىمى مىنۇتىغا 170 قېتىم ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەر مەيلى قانداقلا ھەرىكەت قىلىشتىن قەتئىينەزەر، يۈرەك سوقۇش رىتىمىنى بۇ ساندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

2. دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى

ئادەم ئاغرىپ قالغاندا دورا ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى دورىلار يۈرەك سوقۇش رىتىمىنىڭ قىسقا ۋاقىت داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، قىزىپ قالغاندا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ، بۇ چاغدا ئورگانىزمنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ساقلاش ئۈچۈن يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى ئادەتتىكىدىن تېزلىشىپ كېتىدۇ.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

قانداق قىلغاندا يۈرەك سوقۇشنىڭ زىيادە تېزلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1. مۇۋاپىق چېنىقىپ، يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ھەرىكەت ئارقىلىق يۈرەك ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، ئادەتتە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا ئىشنى ئاۋۋال تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەرىكەتتىن باشلاش، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، يوگا ھەرىكىتى ئىشلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ئاندىن پەيدىنپەي ئوتتۇرھال دەرىجىدىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش كېرەك، مەسىلەن، يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

2. روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تۇرمۇشتا چوقۇم تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش، باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بېسىم بىر قەدەر چوڭ بولغاندا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈنەش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاماكا، ھاراقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ناۋادا كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلمىگەندەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ ياكى يېنىك مۇزىكا ئاڭلاڭ.

ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا قانچە قېتىم بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يۈرەك سوقۇشنىڭ تېز ئاستىلىقى بىلەن ئۆمۈرنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار، لېكىن زىيادە تۆۋەن بولغان يۈرەك سوقۇش رىتىمىنى قوغلاشماسلىق كېرەك، يۈرەك رىتىمىنى پەقەت نورمال دائىرىدە ساقلىساقلا بولىدۇ، ناۋادا سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ ئەتراپىدا ئاغرىغاندەك ياكى بىئارام بولغاندەك سېزىم بولسا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشىڭىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى