تەبىئەت

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

كومودو ئۆچكىئېمەرى ئەڭ چوڭ گۆشخور كەسلەنچۈك بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 2~3 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرام كېلىدۇ. بۇ چوڭ كەسلەنچۈكلەر ھىندونېزىيەنىڭ كومودو ئارىلى، لىنكا ئارىلى قاتارلىقلار بەش ئارالدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ جايدىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

كومودو ئۆچكىئېمەرىنىڭ ئېغىزىدا زەھەر بار بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى مەنىدىكى خىمىيەلىك زەھەر ئەمەس، بەلكى چوڭ مولېكۇلالىق ئاقسىل بولۇپ، كومودولوننىڭ زەھەر بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا كومودولوننىڭ شۆلگىيىدە يەنە ھەر خىل ئەجەللىك باكتېرىيىلەر بار، كومودو ئۆچكىئېمەرى ئېغىزىدىكى باكتېرىيىلەر 50-80 خىلغا يېتىدۇ. بۇ خىل باكتېرىيە تۈرلىرى ئىچىدە ئىككى خىلىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، لېكىن ئەڭ ئەجەللىك زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ، بىرىنچى خىلى پاستېر باكتېرىيەسى، ئىككىنچى خىلى سپورىلىق باكتېرىيەسى.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

پاستېر باكتېرىيىسى

 

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

سپورىلىق باكتېرىيەسى

كومودو ئۆچكىئېمەرى ئېغىزىدىكى مول كېسەللىك باكتېرىيەسى توپىنىڭ ئورتاقلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتى بار، كومودو ئۆچكىئېمەرىنىڭ چىشى باكتېرىيەنىڭ بىيولوگىيەلىك پەردىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئوزۇقلىنىشىنى مۇۋاپىق سىرتقى يۈز بىلەن تەمىنلەيدۇ. كومودو ئۆچكىئېمەرىنىڭ چىشى ئىچىدىكى ئۆتكۈز زەھەرلىك باكتېرىيە ئارىلاشمىسى بىلەن شۆلگەيدىكى زەھەر ، ئۇ چىشلىگەندىن كېيىن ئولجىسىنى قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرەلەيدۇ. بۇ زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتە يارا ئېغىزى يېرىلغاندىن كېيىن ئولجىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە قان سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاندىن تەسىر قىلىدۇ، كومودو ئۆچكىئېمەرىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

كومودو ئۆچكىئېمەرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆمىلەش سۈرئىتى خېلى تېز بولسىمۇ، لېكىنا چىدامچانلىقى سەل ناچار. شۇنىڭ ئۈچۈن كومودو ئۆچكىئېمەرى ئادەتتە يوشۇرۇن زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئۇلارنىڭ قىسقا ئارىلىققا ئېتىلىش سۈرئىتى سائەتلىك سۈرئىتى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يەنى بىر سېكونتتا يەتتە مېتىر ئەتراپىدا ئارلىققا ئېتىلالايدۇ.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

بۇ سۈرئەت ئەلۋەتتە بۇغىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرگەندىكى سۈرئىتىگە يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ ئوت-چۆپ يەۋاتقان كالا ياكى بۇغىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۇتىنى قاتتىق بىرنى چىشلىسە، زەھەر سۇيۇقلۇقى يارا ئېغىزىنى بويلاپ بۇغا ياكى كالىنىڭ تېنىگە كىرىپ، ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

ئالىملارنىڭ سىناق قىلىشىچە، كومودو ئۆچكىئېمەرىنىڭ چىشىدىن ئېلىنغان پاستېر باكتېرىيەسى 76 سائەت ئىچىدە كىچىك چاشقاننىڭ %100 ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

ئۇنداقتا كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلەپ يارىلاندۇرغان ئادەم زادى ھايات قالالامدۇ يوق؟

بۇ مەسلىدە مۇھىمى ۋاقىتقا باغلىق بولىدۇ. 2009-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ كومودو ئارىلىدىكى ماين ئىسىملىك بىر ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئەتىگەندە ئىشخانىغا كەلگەندە، ئۈستەلنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنىۋالغان كومودو ئۆچكىئېمەرى ئۇنى بىرنى چىشلىۋالغان، لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئاپارغان.

كېيىن ئۇ ئالتە سائەت جىددىي قۇتقۇزۇلۇپ، يەنە يەتتە كۈن دوختۇرخانىدا ياتقان، ئاندىن ئۇنىڭغا قارىتا ئالتە ئاي سالامەتلېكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، يەنىلا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئەگەردە كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلەپ زەخىملەندۈرگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا دەل ۋاقتىدا ئاپىرىلسا ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلمايدۇ.

كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

2017-يىلىمۇ كومودو ئۆچكىئېمەرى تەرىپىدىن چىشلەپ يارىلاندۇرۇلغان سىنگاپورلۇق ساياھەتچى ۋاقتىدا داۋالانغانلىقى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن قالغان. ئەمما يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ناۋادا كومودو ئۆچكىئېمەرى چىشلەپ يارلاندۇرغاندىن كىشى ماڭالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بىر ۋاخ تامىقىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. 2009-يىلى مېۋە يىغىدىغان بىر ئادەم دەرەختىن چۈشۈپ يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكەندە، نۇرغۇن كومودو ئۆچكىئېمەرنىڭ بىر ۋاخ تامىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن. پەقەت ئۇ چىشلەپ يارىلاندۇرغان بولسىلا، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، ئادەتتە جانغا زامىن بولمايدۇ.

شۇڭا سىزگە شۇنداق ئەسكەرتىمىزكى: ھەر كۈنى ئىشقا چىققاندا ئۈستەلنىڭ ئاستىدىن كومودو ئۆچكىئېمەرى چىقىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!(چاقچاق)

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى