تەبىئەت

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز دائىم دېگۈدەك ھەر خىل «سوغۇق بىلىملەر» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، شۇنداقلا بۇ بىلىملەرنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللىنىش دائىرىسى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە. پەقەت سىز كۆڭۈل قويۇپ بايقىسىڭىزلا، بۇ ئاددىي ساۋاتلار سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنداقتا سىز بىلىدىغان سوغۇق بىلىملەر زادى قانچىلىك؟ تۆۋەندىكىسى بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە سۇنماقچى بولغان ئىنتايىن ئاز ئادەم بىلىدىغان سوغۇق بىلىملەر بولۇپ، بىلىشكە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

1. فرانسۇز تىلىدا «تەسلىم بولۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدىن 17سى بار.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

2. جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقىنىڭ تەخمىنەن %3 يېرى پىنگۋىننىڭ سۈيدۈكىدىن تەركىب تاپقان.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

3. داڭلىق HP شىركىتىنىڭ Hewlett-Packard دېگەن بۇ نامى تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق بىكىتىلگەن. (باش ئىشتابى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى پالوئولتوغا جايلاشقان Hewlett-Packard شىركىتى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئاساسلىقى پرىنتېر، رەقەملىك سۈرەت، يۇمشاق دېتال، كومپيوتېر ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ)

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

4. ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىدا جەمئىي 1665 پەلەمپەي بار.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

5. «سېرىقچاقلار» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىدا ئەمەلىيەتتە سېرىقچاقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىل ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئېيتقان ھەربىر سۆزنى ئىنسانلارنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

6. ھاشاراتلار چېقىۋالغان جايغا ئىت پوقىنى سۈرتۈپ بەرسە، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ ۋە قىچىشىشنى توختىتىدۇ.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

7. چىۋىن ئادەمنى ئىنتايىن بىزار قىلىدىغان بىر خىل ھاشارات، ئادەتتە ئۇ قۇلاق تۈۋىمىزدە غوڭۇلداپ، ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرۈپ يېمەكلىكلىرىمىزنى بۇلغايدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلىغاندا ئادەمنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. بىراق ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولارمىش. بۇنى قايسى ۋاڭخوڭ سىناپ باققان بولغىيتى…(ئەسكەرتىش: سىناپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمىز)

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

8. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم دېڭىز راكىلىرى دېڭىز يۇلتۇزىنى بېقىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېمەكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. يەنى ئۇلار دېڭىز يۇلتۇزىنىڭ پۇتسىمان ئەزاسىنى يەۋەتكەندىن كېيىن، دېڭىز يۇلتۇزلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنىڭ پۇتسىمان ئەزاسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ساقلايدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇتسىمان ئەزاسى قايتا ئۆسكەندىن كېيىن، ئۇنى يەنە يەۋېتىدىكەن.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

9. بېلگىيەدىكى دېلبى شەھىرى «دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك شەھەر» دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 500 گە يەتمەيدىغان بۇ كىچىك بازار 1331-يىلىدىن باشلاپ شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

10. ھازىر پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ تارقالغان «تاغتۇرا»(山寨 ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا مەھسۇلات دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆز ئەڭ دەسلەپتە شياڭگاڭدىكى بىر يەرلىك شېۋىدىن كەلگەن.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

11. ھازىرقى زامان سۆڭەك ئۇلاش ئوپېراتسىيىسى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيەدىكى سۆڭەك ئۇلاش خىزمىتىگە تۆمۈرچىلەر مەسئۇل بولغان.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

12. ئادەتتە مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ۋە ئىككى يىل «مۇھەببەتلىشىشتىكى ھالقىلىق ۋاقىت» دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئوغۇللار بىلەن قىزلار بىر-بىرىگە قىزىقىشقا باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنى دوپامىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، دوپامىننىڭ ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇش مەزگىلى ئۈچ ئاي بولىدۇ. ئىككى تەرەپ «مۇھەببەت قايىنىمغا غەرق بولغان» ۋاقىتتا بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنى فېنىل ئېتىلامىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، فېنىل ئېتىلامىننىڭ ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇش مەزگىلى ئىككى يىل بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كىشىلەر بۇ ئىككى باسقۇچتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتسە، قارشى تەرەپ بىلەن بولغان ھېسسىيات مۇناسىۋىتى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، شۇنداقلا كۈنلىرى تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ئۆتىدۇ.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

13. ئەمەلىيەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان ئەتىرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۈنئىي ئەنبەر. تەبىئىي ئەنبەر ئادەتتە ئىپار كىتىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇنى ئىسپىرت بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭدا بىرئاز گەندە پۇرىقى بولىدۇ.

ئاڭلاپ باقمىغان سوغۇق بىلىملەر: چىۋىننىڭ تەمى تاتلىق بولىدىكەن

14. زىراپىنىڭ پۇتى ۋە بوينى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، پەس يەردىكى ئوت-چۆپلەرنى يېيىش ئۈچۈن، ئۇسسۇلچىلارغا ئوخشاش چات ئارىلىقىنى كىرىپ يەرگە چۈشۈشنى ئۆگىنىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى