تەبىئەت

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ھەر يىلى ئامازون دەرياسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سۇ مىقدارى دۇنيادىكى دەريا ئېقىمىنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ. قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تارماق ئېقىنلىرى 15 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ دەريا زادى قانچىلىك ئۇزۇن؟ بۇ مەسىلە بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا تالاش-تارتىش بولۇپ كەلمەكتە. چۈنكى ئۆلچەش قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. دەريانىڭ ئۆتىدىغان يېرى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى رايونى بولغاچقا، ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ئامازون رايونى يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل ھەمدە ئەڭ قورقۇنچلۇق رايون. نۇرغۇن كىشىلەر بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ يەرنىڭ نەق مەيداندا ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتى يوق، پەقەت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەن.

ئامازون دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم ھايات قالالامدۇ؟

ھايات قىلىشى ناتايىن. ئەگەر سىز ئامازون دەرياسىغا چۈشۈپ كەتسىڭىز توختاش ۋاقتىڭىز بىر سېكۈنتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېغىزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى سېكۈنتىغا 175 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ دەريانىڭ سۇ ئېقىم مىقدارى ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۆۋەن ئېقىندىكى دەريا قىنىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 20~50 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 100 مېتىر بولۇپ، سۇ ئورنىنىڭ يىللىق ئۆزگىرىش دائىرىسى 9 مېتىر. ئامازون دەرياسىدا يىل بويى سۇ مىقدارى مول، شۇڭا سۇنىڭ تىنچ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ئامازوندىكى دەريا ئېقىنلىرى جىمجىت تۇرغان ھالەتتىمۇ دەرياغا چۈشەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دەريا ئېقىنلىرى ئىچىدە نۇرغۇن جانلىقلار سىزنى «قۇرۇق ئۇستىخان»غا ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ئامازون دەرياسى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ئامازون دەرياسىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جانلىقلارنىڭ بىرى بولغان ئادەمخور بېلىق ئادەملەرنىڭ قورقۇنچلۇق كۈشەندىسى. ئادەمخور بېلىقنىڭ يەنە بىر نامى ئادەمخور پامپۇس بېلىقى بولۇپ، تىپىك سۇ يولۋىسى (Piranha) تۈرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ بېىلقنىڭ تەن شەكلى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئامازون دەرياسىدىكى بېلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى ئارگېنتىنا، بىرازىلىيەگە مەركەزلەشكەن.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ئۇلار مەلۇم بىر خىل يېمەكلىكنى بايقىغاندىن كېيىن، كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، توپ-توپ بولۇپ ياشايدىغان ئادەمخور بېلىق ئىنتايىن ۋەھشىي بولۇپ، ئامازون دەرياسىدىكى قاتىل تىزىملىكىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

شۇڭا ئامازون دەرياسىدا ئۈچ مىنۇت تۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ، ئادەمخور بېلىق سىزگە تۇرۇش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. ئىلىم ـ پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ ئامازون دەرياسىدىكى بىيولوگىيەلىك ھۇجۇمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى تەس. سۇغا چۈشكەن ئادەم، مايمۇن، كالا ياكى باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئادەمخور بېلىقنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرالمايدۇ.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

بۈگۈنكى كۈندە ئامازون دەرياسى ئەتراپى ئىنسانلار ناھايىتى ئاز ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلىشىشىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس. ئامازون دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان بىرقانچە ئاساسلىق دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن دەريا ئېقىنى رايونىدا ئولتۇرىدىغانلار ناھايىتى ئاز. ھەتتا ئامازون دەرياسى رايونىدا چوڭ كۆۋرۈكمۇ يوق.

ئامازون دەرياسىنىڭ دەريا ئېقىنى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

چۈنكى ئامازون دەرياسى رايونىنىڭ شارائىتى بەك مۇرەككەپ بولغاچقا، كۆۋرۈك سېلىشقا قولايسىز. دەريا، قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق رايون. ئىنسانلارمۇ تەبىئەت ئالدىدا ھەقىقەتەن بەك ئاجىز، تەبىئەتتىكى بىز بىلمەيدىغان سىرلار ناھايىتى كۆپ. ئىنسانلار پەقەت جانلىقلار دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى. گەرچە ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئالدىدا يەنىلا ئامالسىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى