تەبىئەت

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

ھەرقانداق بىر مۈشۈك باقىدىغانلار مۈشۈكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئامراق مۈشۈكىمىز يېنىمىزدا تېخمۇ ئۇزۇن مەزگىل تۇرالايدۇ.

تۆۋەندە بىز ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان مۈشۈكلەرنى كۆرۈپ باقايلى، ئارىسىدا سىزنىڭ مۈشۈكىڭىز بارمىدۇ؟

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

1. ئىپار مۈشۈك (狸花猫)

ئادەتتە ئۆمرى 15 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ، ئىپار مۈشۈك ئېلىمىزنىڭ كۆپ يىللىق تەبىئىي تاللاشتىن كېيىنكى مۈشۈك سورتى. مەيلى بەدەن ساپاسى ياكى ماسلىشىش ئىقتىدارى جەھەتتە بولسۇن، ناھايىتى زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئۇلارنى ئائىلىدە بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

2. شارتۇز مۈشۈك (夏特尔猫)

ئادەتتە ئۆمرى 19 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئەنگلىيە قىسقا يۇڭلۇق مۈشۈكى بىلەن ھەقىقەتەن ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ئەنگلىيە قىسقا يۇڭلۇق مۈشۈكى ئەمەس، ئادەتتە بۇخىل مۈشۈك شارتۇز مۈشۈكى دەپ ئاتىلىدۇ، بەزى كىشىلەر شارتۇز كۆك مۈشۈكى دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ تۆت پۇتى ئىنتايىن توم ۋە كۈچلۈك بولۇپ، باھاسى ئەنگلىيە قىسقا يۇڭلۇق مۈشۈكىدىن خېلىلا يۇقىرى.

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

3. نورۋېگىيە ئورمان مۈشۈكى (挪威森林猫)

ئادەتتە ئۆمرى 18 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ، نورۋېگىيە ئورمان مۈشۈكىنىڭ ئەجدلىرى نورۋېگىيە ئورمانلىقىدا ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئەقىللىك، زېرەك، ھوشيار بولۇپ، ھەرىكىتى ئېھتىياتچان، تەۋەككۈلچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ. دەرەخكە يامىشىشقا ناھايتى ماھىر بولۇپ، «قابىليەتلىك ئوۋچى» دېگەن چىرايلىق نامى بار.

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

4. ئامېرىكا قىسقا يۇڭلۇق مۈشۈكى (美国短毛猫)

ئادەتتە ئۆمرى 15 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ. ئامېرىكا قىسقا يۇڭلۇق مۈشۈكى ئىنتايىن مودا بولغان بولغان مۈشۈكلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىجەزى ئىنتايىن مۇلايىم بولۇپ، كىشىلەرگە ناھايتى دوستانە. شۇڭا بۇ خىل مۈشۈككە ئامراق كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇ بىرقەدەر ئەقىللىك بولۇپ، ئىنتايىن سەزگۈر، بەدەن سۈپىتىمۇ بىرقەدەر ياخشى.

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

5.بالى مۈشۈكى (巴厘猫)

ئادەتتە ئۆمرى 12 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ، بالى مۈشۈكى سىئام مۈشۈكىنىڭ ئۇزۇن يۇڭلۇق تۈرى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىردىن باشلاپ كۆپىيىشكە باشلىغان. بالى مۈشۈكىنىڭ پاخپىيىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يۇڭلىرى بار بولۇپ، قۇيرىقى ھەم بېشىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇڭلىرى ئۇزۇن ھەم زىچ بولىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئوخشاش ئىنتايىن كەپسىز بولۇپ، كىشىلەر بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىرقەدەر ھۇرۇن، ئەركىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەمگە چاپلىشىۋالىدۇ.

بۇ مۈشۈكلەر ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بېقىشنى خالامسىز؟

6. سىئام مۈشۈكى (暹罗猫)

ئادەتتە ئۆمرى 12 يىلدىن 20 يىلغىچە بولىدۇ، سىئام مۈشۈكىنى باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان، ئەمەلىيەتتە ئۇ رەڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان مۈشۈك بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، بۇ خىل مۈشۈكنىڭ مىجەزى ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، قىزغىن بولۇپ، ئادەمگە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى يوق، مۈشۈكنىڭ ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، بەزىلىرى 20 ياشقىچە ياشىيالايدۇ، ئەلۋەتتە، مۈشۈكنىڭ ئۆمرى باققۇچىنىڭ بېقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېمەك-ئىچمەك ۋە پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تەركىبى مول بولغان مۈشۈك يېمىنى بېرىشنى ئاساس قىلسا، مۈشۈكنىڭ ئۆمرىنى مۇۋاپىق ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى