بۇ خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالامىتىدۇر
بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن، ئۇ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، قان بېسىمىنى تەڭشەيدۇ، سۈيدۈك بولسا بۆرەك بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن چىققان سۇيۇقلۇقتۇر. بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشى كىشىلەر دائىم دەيدىغان بۆرەك زەئىپلىشىش بولۇپ، ئۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ بىر خىلى، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا بۆرەك ئىقتىدارىنى تۈگەشتۈرىدۇ. تۆۋەندە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى چۈشىنىپ باقايلى.
بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش
بۆرەك زەئىپلىشىش بىماردا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن بىماردا دائىم پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىشنىڭ سەۋەبى. بۆرەك زەئىپلەشكەندىن كېيىن بەدەندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىپ كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چارچاپ كېتىدۇ، بەزىدە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
2. قان سىيىش
سۈيدۈك ئەسلىدە رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ، ئەگەر سۈيدۈك قىزىل رەڭدە كۆرۈنسە، بۇ قانلىق سۈيدۈك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامىتى دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. ئەمما قان سىيىش ھەر ۋاقىت پەيدا بولۇۋەرمەيدۇ، ئادەتتە ۋاسىتىلىك بولىدۇ. ئەگەر تەكرار ئارىلاپ كۆپ قېتىم قان سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.
3. سۇلۇق ئىششىق
بۆرەك بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدىغان ئاساسلىق ئەزا. بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلەشكەندىن كېيىن، بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئورنى ئادەتتە يۈز قىسمى، ئوشۇق قىسمىدا بولۇپ، ئارام ئالغاندىن كېيىن سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا دىققەت قىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سۇلۇق ئىششىقنىڭ دەرىجىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ، سۇلۇق ئىششىقنىڭ دائىرىسىمۇ ئۈزۈكسىز كېڭىيىدۇ.
4. بەل ئاغرىش
بۆرەك زەئىپلىشىش بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بۆرەكنى چوڭايتىپ، ئەتراپتىكى نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئاغرىق ھېس قىلىدۇ. بۆرەك زەئىپلەشكەندىن كېيىن، ئاز بىر قىسىم بىمارلارنىڭ بەل قىسمىدا مونەك پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر مونەك پەيدا بولسا، پات-پات بەل ئاغرىقى قوشۇلۇپ كەلسە، بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئويلىشىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش كېرەك.
5. كېچىدە سۈيدۈك كۆپ كېلىش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشتىن باشقا ئەھۋالدا، يەنى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇخلاش ۋاقتىدا پەقەت بىرلا قېتىم سىيىش ئېھتىياجى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ كېچىدە پەيدا بولغان پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش ئالامەتلىرى بايقالسا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىدىكى نورمال ھادىسە دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، سەۋەبسىز كېچىدە پات-پات سىيىش، ھەمدە سۈيدۈك كۆپىيىش ئادەتتە بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ بېشارىتى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى بەش نوقتا بۆرەك زەئىپلىشىشتە دائىم كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتتۇر. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بىپەرۋالىق قىلماي، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش توغرا ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بالدۇر بايقالسىلا، ئوڭۇشلۇق داۋالاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.