يېمەك-ئىچمەك

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

كاللەكبەسەي يەنە كاپۇستا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل ئالاھىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات. كاللەكبەسەي تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن، سېلليۇلوزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ناھايىتى كۆپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارغا بولغان ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرالايدۇ.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

ئۇنىڭدىن باشقا، كاللەكبەسەي يەنە بەلگىلىك دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، بەزى ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە چوقۇم كاللەكبەسەينى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

ئۇنداقتا كاللەكبەسەينىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟ بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

1. راكقا قارشى تۇرۇپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كاللەكبەسەي تەركىبىدە ناھايىتى كۆپ ئۆسۈملۈك ماددىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئىنتايىن ياخشى بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ماددا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىدە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كاللەكبەسەي تەركىبىدە ناھايىتى كۆپ ۋىتامىن بولۇپ، بۇ ۋىتامىن تەركىبلىرى ئۆسۈملۈك ماددىسى بىلەن بىرلىكتە ئورگانىزمنى بەزى ئەركىن رادىكاللارنىڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلاپ قېلىپ، ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئۈنۈمگە ئىگە.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

2. تېرە كېسەللېكىنى پەسەيتىش

كاللەكبەسەي تەركىبىدە ۋىتامىن تەركىبى بىر قەدەر كۆپ بولغاندىن سىرت، يەنە گۈڭگۈرت ئېلېمېنتىمۇ بار، بۇ خىل ئېلېمېنت قىچىشىشنى توختىتىش، باكتېرىيەنى تىزگىنلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار روللارنى ئوينايدۇ. كاللەكبەسەينى مۇۋاپىق يېگەندە بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھۆل تەمرەتكە، تەمرەتكە ياكى تېرە قىچىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا كاللەكبەسەي شەربىتى ئىچىپ بەرسە كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

3. يارىنىڭ بىئاراملىقىنى پەسەيتىش

كاللەكبەسەي يوپۇرمىقىدىن سىقىپ چىقىرىلغان قويۇق شەربەتنىڭ ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش رولى بار. كاللەكبەسەي تەركىبىدە بىر قىسىم جاراھەتنى ساقايتىش فاكتورلىرى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

بولۇپمۇ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا كاللەكبەسەي يېگەندە، ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

4. ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

كاللەكبەسەي تەركىبىدە ئىنتايىن كۆپ تىرىپتوفان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ناھايىتى كۆپ كالىي ئېلېمېنتى بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ تەركىبىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشقا نىسبەتەن بەلگىلىك يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم ئارتۇقچە سۇ تەركىبىنى يوقىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە زەھەر تازىلاش قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملەرگە يېتىدۇ.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

5. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش

ئەگەر دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، مۇۋاپىق مىقداردا كاللەكبەسەي يەپ بەرسە ياكى كاللەكبەسەي شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچسە، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. كاللەكبەسەي تەركىبىدە ناھايىتى كۆپ چىگىت شېكىرى بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر تېز سۈرئەتتە چوڭ ئۈچەيگە كىرىپ، ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە ئۈچەي يولىدىكى بىر قىسىم توكسىنلارنىڭ ئۈچەي يولىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىر قىسىم ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

كاللەكبەسەي يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىرىمۇ بار

كاللەكبەسەي باھاسى بىر قەدەر ئەرزان بولغان بىر خىل كۆكتات، لېكىن ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئۆسمىنى تىزگىنلەش رولىغىمۇ ئىگە.

ئۇنىڭدىن باشقا، كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنى ئاسراش قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملەرگە ئىگە. شۇڭا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە چوقۇم كاللەكبەسەينى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. لېكىن ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئامال بار كاللەكبەسەي يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى