يېمەك-ئىچمەك

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

قىش پەسلى قۇرغاق بولغاچقا، ئاسانلا بەدەننىڭ ئىسسىقى ئاشىدۇ. شۇڭا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى بولۇپمۇ كەرەپشىنى كۆپ يېگەندە، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، توكسىننى ھەيدەيدۇ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ، ئۈچەينى تازىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. تۆۋەندە كەرەپشىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە خىل قورۇما تەييارلاشنى رەتلەپ چىقتۇق، پايدىلانغايسىلەر:

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

* كەرەپشە ۋە قۇرۇتۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېقى قورۇمىسى

كەرەپشىدىن 300 گىرام، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېقىدىن 50 گىرام، ماي، پارچە توغرالغان زەنجىۋىل، تۇزدىن تەييارلايمىز.

پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېقىنى سۇغا ئالدىن چىلاپ قويىمىز، كەرەپشە بىلەن زەنجىۋىلنى قەلەمچە توغرايمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ، زەنجىۋىلنى قورۇپ، ماينى تەملەندۈرۈۋالغاندىن كېيىن، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېقى بىلەن كەرەپشىدىن ئارقا-ئارقىدىن سېلىپ قورۇپ، تۇز ۋە تېتىتقۇلارنى سېپىپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

* كەرەپشە ۋە سەۋزە قورۇمىسى

كەرەپشىدىن ئىككى باش، سەۋزىدىن بىر تال، زەنجىۋىلدىن ئىككى ياپراق، ئاقمۇچ، تۇز ۋە تېتىتقۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز.

قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كېيىن زەنجىۋىلنى قورۇپ ماينى تەملەندۈرۈپ، قەلەمچە توغرالغان سەۋزىنى رەڭگى ئۆزگەرگۈچە قورۇيمىز، ئاندىن كەرەپشىنى قورۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، ئاقمۇچ ۋە باشقا تېتىتقۇلارنى سېپىپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

* كەرەپشە، قېرىنقۇلاق ۋە گۈلسامساق قورۇمىسى

يېڭى گۈلسامساقتىن 30 گىرام، سەۋزىدىن ئازراق، قېرىنقۇلاق 10 گىرام، كەرەپشە 150گىرام، كاۋاۋىچىن مېيى، تېتىتقۇ ۋە تۇز مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز.

قېرىنقۇلاقنى سۇغا چىلاپ، ياخشى كۆپكەندىن كېيىن، كەرەپشە، گۈلسامساق، سەۋزىلەرنى يۇيۇپ، توغرىۋالىمىز.قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كېيىن كەرەپشە، قېرىنقۇلاق، سەۋزىلەرنى سېلىپ قورۇيمىز، ئاندىن گۈلسامساقنى قوشۇپ بىر ھازا قورىۋەتكەندىن كېيىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، تۇز ۋە تېتىتقۇلارنى سېپىپ، كاۋۋىچىن مېيىنى قۇيۇپ، بىر قانچىنى ئۆرۈپلا تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

* كەرەپشە، ئاق قېرىنقۇلاق قورۇمىسى

كەرەپشىدىن 200 گىرام، قۇرغاق ئاق قېرىنقۇلاقتىن بەش گىرام، زەنجىۋىل، ئۆسۈملۈك مېيى، تۇز، تېتىقۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز.

ئاق قېرىنقۇلاقنى ئالدىن سۇغا چىلاپ، زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ، كەرەپشىنى قەلەمچە توغرىۋالىمىز. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن، ئاق قېرىنقۇلاقنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈپ پىشۇرۇۋالىمىز. ئاندىن سۇغا تۇز سېلىپ، كەرەپشىنىمۇ قايناقسۇدىن ئۆتكۈزىۋالىمىز. ئاندىن قازانغا ماي قۇيۇپ، زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ، خۇشپۇرىقى چىققاندا ئاق قېرىنقۇلاق، كەرەپشىلەرنى سېلىپ قورۇپ، ئاخىرىدا تۇز ۋە تېتىتقۇلارنى سېپىپ قازاندىن ئالساق بولىدۇ.

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

* كەرەپشە بىلەن يەر ياڭىقىدا سوغۇق سەي تەييارلاش

كەرەپشىدىن 150 گىرام، يەر ياڭىقىدىن 100 گىرام، سەۋزىدىن 60 گىرام، كاۋاۋىچىندىن 15 تال ئەتراپىدا، شاكال بەدىيان(八角)دىن بىر تال، تۇز بىر قوشۇق، شېڭچوۋ 10 مىللىلېتىر، ئاچچىقسۇدىن بەش مىللىلېتىر تەييارلايمىز.

كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقىنى پاكىز ئادالاپ، قەلەمچە توغرايمىز. يەر ياڭىقىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان ۋە تۇز قوشۇپ بىر سائەت ئەتراپىدا چىلايمىز. سەۋزىنى ئۇششاق تۆت بۇرجەك توغراپ، چىلىغان يەر ياڭىقىنى كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن پەس ئوتتا 10 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ سوۋۇتىمىز. يەنە بىر قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن ئازراق ماي تېمىتىپ، سەۋزە سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىمىز، ئاندىن كەرەپشىنى قوشۇپ ئۇنىمۇ بىر مىنۇت قاينىتىمىز. ھەممىسىنى قايناقسۇدا پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن شېڭچوۋ، ئاچچىقسۇ، تۇز، تېتىتقۇلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

كەرەپشىدىن قورۇما تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

* كەرەپشە، سەۋزە ئۇمىچى

گۈرۈچتىن 125 گىرام، سەۋزە ۋە كەرەپشىدىن 80 گىرام، پەمىدۇردىن بىر تال، تۇز، تېتىتقۇ، كۈنجۈت مېيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز.

سەۋزە ۋە كەرەپشىنى ئۇششاق توغراپ، پەمىدۇرنىڭ پوستىنى سويۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئۇششاق توغرايمىز. گۈرۈچنى 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ ئاندىن سەۋزە، كەرەپشە، پەمىدۇرلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىككى مىنۇت قاينىتىپ، ئاخىرىدا تۇز، تېتىتقۇ ۋە كۈنجۈت مېيىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى