ساغلاملىق

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىڭىز ئۇخلاش ئادىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن

دىيابېت كېسەللىكى بىر خىل مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى بەدەندىكى قان شېكىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن بولىدۇ. دىيابېت كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئىرسىيەت، يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش ۋە سەمرىپ كېتىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، دىيابېت كېسىلى بىلەن ئۇيقۇنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتى مېتابولىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۇخلاش ئادىتىمىز بولسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشمىز كېرەك، بولمىسا قان شېكىرى تۇراقلىق بولمايدۇ.

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىڭىز ئۇخلاش ئادىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن

1. ئۇزۇن مۇددەت تۈنەش

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولسا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. كېچىدە تۈنەش ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بەدەندە سېزىمچانلىق ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مەزگىلگىچە تۈنەۋەرگەندە، سىمپاتىك نېرۋىنىڭ بىنورمال قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىدا قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش

چۈشتە ئۇخلاش بىر ياخشى ئادەت بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇنقى ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇخلاش توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيقۇ مەسىلىسى ماددا ئالمىشىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئادەتتە چۈشتە ئۇخلاش ئادىتى بارلار ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىشى، ئامال بار 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىڭىز ئۇخلاش ئادىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن

3. كارىۋاتتا ھورۇنلۇق قىلىپ يېتىش

ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە قان شېكىرى سەۋىيىسىگە تەسىر يېتىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت تۆتتىن توققۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا قان شېكىرىنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ئەگەر چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىمۇ كارىۋاتتىن چۈشمەي ھورۇنلۇق قىلىپ ياتسا، قان شېكىرى مىقدارى قالايمىقانلىشىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت كارىۋاتتا ھورۇنلۇق قىلىپ يېتىش ئادىتى بولسا، ئاسانلا قان شېكىرىدە زور دەرىجىدە داۋالغۇش يۈز بېرىپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىڭىز ئۇخلاش ئادىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن

4. چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلاش

ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسىمۇ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرى مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى كېلىپ چىقىپ، ئاسانلا دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۇخلاش ئادىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ئەگەر يۇقارقىدەك ناچار ئۇخلاش ئادىتى بولسا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بۇ تۆت خىل ناچار ئۇخلاش ئادىتى بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك، بولمىسا قان شېكىرى سەۋىيىسىگە تەسىر يېتىپ، ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. بەدەندە نورمالسىزلىق بايقالغان ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى