ئاجايىباتلار

دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قالتىس ماشىنا ئادەم-كۆزىڭىزنى ئېچىپ قويالايدىغان تەرەققىيات

«سۈنئىي ئىدراكنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن» -خاۋكىڭ.

كۆپچىلىك ھەقىچان ماشىنا ئادەم توغرىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇڭلار.

قانداق ماشىنا ئادەملەرنى بىلىسىلەر دەپ سورىسام، ئىككىلەنمەي بىر مۇنچىسىنى ساناپ بېرىسىلەر. مەسىلەن، ئۇسسۇلچى ماشىنا ئادەم، تازىلىقچى ماشىنا ئادەم، رەسسام ماشىنا ئادەم، ماشىنا «خوتۇن»، ماشىنا «ئەر»…ۋەھاكازالار.

تۆۋەندە كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز بولسا يېقىندا توردا بىر مەزگىل نامى چىققان Boston Dynamics شىركىتىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق قالتىس ماشىنا ئادىمى، ئۇ قىلغان بەزى ھەرىكەتلەرنى ئىشىنىمەنكى %90 كىشىلەر قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە، ھى ھى ھى…

ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ بۇ قالتىس ماشىنا ئادەم بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

 

ئەڭ دەسلەپ ئۇ خۇددى بوۋاق بالىغا ئوخشاش ئورنىدىن دەس تۇرالمايتتى، ھە دېسىلا يىقىلىپ چۈشەتتى، بىچارە بايقۇش…

ئەمما بىر مەزگىللىك قايتا-قايتا سىناقلاردىن كېيىن ئۇ شاش بولۇپ كەتتى. مانا مۇنداق ئۇلاپ سەكرىيەلەيدۇ.

يەنە تېخى چىرايلىق ئارقىچىلاپ موللاق ئېتىشىمۇ بار، بۇ ھەرىكىتى ئادەمگە بەك ئوخشامدىكەن؟ سىزگە دېسەم بۇنى %80 ئادەم قىلالمايدۇ.

يۇقارقى ماشىنا ئادەمدىن باشقا يەنە ماشىنا ئىتمۇ بار، ئەمدى بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى دەپ ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئالدىرىماڭ، ھەيرانلىقتىن ئاغزىڭىزنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالىدىغان يەر تېخى ئالدىمىزدا.

بۇ «كۈچۈك» ئىشىكنى ئۆزى بىمالال ئېچىپ ياپالايدۇ.

ئۇنىڭ كۈچىگە سەل قارىماڭ، ئون «ماشىنا ئىت» بىرلەشسە چوڭ بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى سۆرىيەلەيدۇ.

يۇقارقىلىرى تېخى ھېكايىنىڭ كىرىش سۆزى قىسمى، ئەمدى كۆرىدىغىنىڭلار بولسا دەھشەت نوچى يەرلىرى، كۆزەينەكنى تاقاپ، چاينى دەملەپ قويۇپ كۆرۈڭلار ئەمسە، باشلاپ كەتتۇق…

ئىككى قولدا تىك تۇرۇپ ئارقىچىلاپ موللاق ئېتىش

ئالدىچىلاپ تىك موللاق ئېتىش، قولى تىترىمەيدۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ، شۇنداق تەبىئىي…

بوشلۇقتا 360 گىرادۇس ئايلىنىش، گەرچە يەرگە چۈشكەندە ئازراق سىلكىنسىمۇ، ئەمما ھەرىكىتى شۇنداق چىرايلىق. مېنىڭچە كۆچىنچىلىرىمىز بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىيەلمەيمىز، سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

 

قېنى ئاستىلىتىپ كۆرۈپ باقايلى

 

4. موللاق ئېتىىپ بولۇپ، بوشلۇقتا پۇتىنى كېرىش ھەرىكىتى

 

ئەمدى بىرلىكتە ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ باقايلى:

ئەمدى سۆزلەيدىغىنىمىز بولسا «ماشىنا ئىت»

سائەتلىك سۈرئىتى سېكۈنتىغا 1.6 مېتىر، توختىماي 90 مىنۇت خىزمەت قىلالايدۇ.

باتارېيەسىنى ئالماشتۇرۇشمۇ شۇنچە ئاسان

باش قىسمىغا 360 گىرادۇسلۇق تېلېكامېرا ئورنىتىلغان، ئەتراپنى تولۇق كۆزىتەلەيدۇ، ھەر قانداق كاشىلىلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالايدۇ.

تېخى ئىككىسى بىر يەرگە كەلسە ھەمكارلىشىشنى بىلىدۇ.

بىر قېتىمدا 14 كىلوگىرام نەرسىنى يۈدۈپ ماڭاللايدۇ، ئىرغاڭلاپ قالمايدۇ.

نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق ياكى 45 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىقتىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ.

بوران-چاپقۇن، چاقماق چېقىشتىن قورقۇپ قالمايدۇ، يامغۇردا قالسىمۇ زۇكام بولۇپ قالمايدۇ.

ئۇدا بىر كۈن يامغۇردا خىش توشىسىمۇ چارچىمايدۇ، ئۆيگە قايتىپ ئۈستىۋېشىنى قېقىۋېتىپلا يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ.

سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بەلكىم سىز ئۇلار قانداقسىگە مۇشۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا تۆۋەندە بىرلىكتە ئۇلارنىڭ قانداق چېنىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

مەجبۇرى يۈگۈرتۈش مەشىقى

ھەر خىل يەرلەردە ماڭدۇرۇش مەشىقى

دەسلەپ خۇددى كىچىك بالىنى باغلاپ قويغانغا ئوخشاش ئۇنىمۇ كەينىدىن بىر ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويغان.

شۇنداق قىلىپ، بىر نەچچە يىللىق مەشىقتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئەركىن يۈگۈرەلەيدىغان بولغان.

توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا تېخى چەبدەسلىك بىلەن سەكرەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ھەرىكەتلىرى چەبدەس، خۇددى ئادەمگە ئوخشاش سەكرەيدۇ.

ئەمما ھەر قېتىمدا ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، بەزىدە سەنتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بەزىدە يىقىلىپ چۈشىدۇ.

ئەمما يەنىلا بەل قويىۋەتمەيدۇ.

 

ئۇنىڭ تەرەققىيات مەزگىلى ئەمەلىيەتتە «بوزەك قىلىنىش» جەريانىدۇر. قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىنى سىناش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچار بولىدۇ.

يىقىلسىمۇ تىز پۈكمەيدۇ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ.

 

بوزەك قىلىشقا ئۇچرىسىمۇ ئېغىر ئالمايدۇ.

نەرسىلەرنى جايىغا تىزىشنى بىلىدۇ.

يەنە ماۋۇ خىلدىكىسى تېخى بەدىنىنى چۆرگىلىتەلەيدۇ.

ئۇششاق-چۈششەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلالايدۇ.

ئاپلا، تېيىلىپ كەتتى…

يەر تېيىلغاق ئەمەسمۇ؟

 

شۇنداقتىمۇ پەلەمپەيگە بىمالال چىقالايدۇ.

يەنە مۇنداق سەكرەيدىغانلىرىمۇ بار.

ئۇنداقتا بىز ئەمدى بۇ ماشىنا ئادەملەرنى ياسىغان شىركەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

بوستون ئېنېرگىيە شىركىتى (Boston Dynamics) بولسا ئامېرىكىدىكى بىر ماشىنا ئادەم شىركىتى، بۇ شىركەتنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تۆت پۇتلۇق ماشىنا ئادەم، بوستون مېخانىكىلىق ئىت، شۇنداقلا بىر يۈرۈش رېئال تەسۋىرلىك ئىنسان تەقلىدىي يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلار بار.

شىركەتنىڭ مەخسۇس تۈر دىرېكتورى بولسا مارك رېيبېرت (Marc Raibert) بولۇپ، ئۇ 1992-يىلى بۇ شىركەتنى ئەسلىدىكى ماسساچۇسېتىس سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىن ئايرىپ چىققان.

2003-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى گۇگول شىركىتى Boston Dynamicsنى سېتىۋالغان، ئەمما تەخمىينەن تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيە سوفت بەنك (SOFTBANK) گوروھى گۇگول قارمىقىدىكى ئالفابىت شىركىتىدىن Boston Dynamicsنى يۇقۇرى سوممىدا ئۆتكۈزۈۋالغان.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

2 باھا

  1. بىلوگنى ماڭدۇرۋاپسىز مانا، مۇبارەك بولسۇن، سالونچىلىققا يۈرۈش قىمماي بىلوگگىرلىقنى تاللىغىنىڭىزدىن مەن بەك سۈيۈندۈم، سىزنى قوللايمەن، ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، تىما ئۈزۈلسىمۇ بىلوگ تاقالمىسۇن ?

    1. رەھمەت سىزگە يانقۇت !
      مەنمۇ ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى كۆز ئالدىمدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ يىراق كەلگۈسىنى خىيال قىلدىم . ئىشىنىمەنكى ، بىلوگچىلىق تور بەتچىلىك ھامان بىر كۈنى يەنە بىزنىڭ ئارىمىزدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي يىراق كەلگۈسىنىمۇ خىيال قىلىشىمىز كېرەك . سىزنىڭ بىلوگىمنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنلىكىڭىزدىن ھەمدە ئىنكاس قالدۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم مۇمكىن بولسا بىلوگقا پات-پات كېلىپ تۇرۇڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى