تەبىئەت

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

تەبىئەت دۇنياسىدا، ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئەڭ چوقىسىدا بىرقانچە خىل ھايۋاندىن باشقا، باشقا ھايۋانلارنىڭ بىر ياكى بىر قانچە كۈشەندىسى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان قاتلاملاردىكى ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىسى ۋە ئولجىسى مۇكەممەل بولغان ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر خىل ھايۋان يەنە بىر خىل ھايۋاننىڭ كۈشەندىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىل ھايۋان بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم باشقا بىر خىل ھايۋاننى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟ تۆۋەندە بىز بىر نەچچە خىل ھايۋان ئارقىلىق بۇنى بىۋاسىتە چۈشىنىپ باقايلى.

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىر ئەڭ جانلىق مىسال بار، ئۇ بولسىمۇ: «مۈشۈك بىلەن چاشقان». چاشقان دۇنيادىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، سانى ئەڭ كۆپ ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئۇلار بىزنىڭ مال-مۈلكىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان، يەنە بەزى كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان بولغاچقا، «تۆت زىيانداش»نىڭ كاتتىبېشى دەپ قارىلىدى. چاشقاننى تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۈشەندىسى ئەڭ كۆپ ھايۋان دېيىشكە بولىدۇ. ئادەم ۋە مۈشۈكتىن باشقا مۈشۈكياپىلاق، ئاغمىخان، يىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كۈشەندىسى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كۆپ ساندىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ چاشقاننى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشىنى بىز ناھايىتى كۆپ كۆرەلەيمىز، ئەمما ئادەملەر چاشقان ئۆلتۈرگەندە ھەر خىل سايمانلارنى ئىشلىتىدۇ. پەقەت مۈشۈك ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئەرمەك ھايۋانلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاشقاننى يىغىشتۇرغاندا ئىپادىسى ئەڭ قالست.

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

مۈشۈك بىلەن چاشقان ئادەتتە بىرلا ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقايدۇ، كېيىن چاشقان قارشى يۆنىلىشكە قاراپ يۈگۈرەيدۇ، لېكىن چاشقان ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىدىن بەك يىراق بولسا، مۈشۈكتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاندىن مۈشۈك ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تىرنىقى بىلەن چاشقاننى بېسىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئاغزى بىلەن چاشقاننى چىشلەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەگەر بىز قولىمىز بىلەن چاشقاننى بېسىپ تۇرساق، ئۇ مۇقەررەر ھالدا جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ بىزنى چىشلەيدۇ. لېكىن مۈشۈكنىڭ تىرنىقى ئاستىدىكى چاشقان بىر نەچچە قېتىم چىرقىرىغاندىن باشقا، ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ چاغدا مۈشۈك دەرھال چاشقاننى ئۆلتۈرمەي، بەلكى بىر قەدەر كەڭرى جايغا ئېلىپ بېرىپ چاشقاننى قويۇپ بېرىدۇ، قويۇپ بېرىلگەن چاشقان ھەتتا قېچىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا مۈشۈك تىرنىقى بىلەن چاشقاننى شاپىلاقلاپ قېچىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇڭا باشقا كۈشەندىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، چاشقان ئەڭ ئۇچىراپ قېلىشنى خالىمايدىغان ھايۋان دەل مۈشۈك.

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

بىز يەنە بۇنىڭدىن باشقا سىرتلان ۋە ئەركەك شىر توغرىسىدا توختىتىپ باقايلى. ئافرىقا چوڭ يايلىقىدا بىر توپ «قاراقچى» ياشايدۇ، ئۇلار قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتخور ھايۋانلارنى بوزەك قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا گۆشخور ھايۋانلارنىمۇ بوش قويۇپ بەرمەيدۇ، ئۇلار دەل سىرتلان. سىرتلاننىڭ «ئافرىقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئاكىسى»دەپ نامى بار، ئۇلار ئەمدىلا ئوۋ ئوۋلاپ بولغان يىلپىزنى بوزەك قىلىپ ئولجىسىنى تارتىۋالىدۇ، ياۋا ئىتنى كۆرگەندە بوزەك قىلىدۇ، ئانا شىرغا بولسا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئافرىقا چوڭ يايلىقىدا ۋەھشىيلىك دەرىجىسى ئافرىقا شىرىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن بىر غەلىتە ھادىسە بار، ئۇ بولسىمۇ سىرتلانلار يېتىلگەن ساغلام ئەركەك شىرغا يولۇققاندا، كەينىگە بۇرۇلۇپ قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قاچىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بەدەن شەكلىدىن قارىغاندا، ئافرىقا ئەركەك شىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى سىرتلاننىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ، سىرتلان ئەركەك شىرنىڭ ئالدىدا بەدەن شەكلىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت سېكۈنت ئىچىدىلا ئۆلتۈرۈلىدۇ. گەرچە سان جەھەتتىن قارىغاندا سىرتلان ئاز دېگەندە بەشى بىر توپ بولسىمۇ، لېكىن ئەركەك شىرنىڭ ئالدىدا، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى ئەركەك شىر تەرىپىدىن چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ.

زوئولوگلارنىڭ ئافرىقا يايلاقلىرىدىكى سىرتلان ۋە شىرلارنى كۆزىتىشىدىن بايقىشىچە، ئەركەك شىرنىڭ سىرتلاننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆلتۈرۈش ئادىتى ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى، سىرتلان بىلەن شىر تەبىئەت دۇنياسىدا تەڭ ئورۇنغا ئىگە رىقابەتچىلەردىن، شۇڭا شىرنىڭ زېمىنى ئەتراپىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن سىرتلانلارنى كۆرگەندە، ئۆز زېمىنىدىكى بالىلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئىككىنچىسى، ئەركەك شىرنىڭ سىرتلاننىڭ زېمىنىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، سىرتلان بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئادىتى بار بۇ بەلكىم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ رىقابەت بېسىمىنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغان ئادىتى بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئەركەك شىر سىرتلاننى كۆرگەندە چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن يېتەرلىك ئەمەلىي كۈچى بار، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ سىرتلانلارنىڭ «ئاتامانى»نى توغرا پەرق ئېتەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا قانچىلىك سىرتلانغا يۈزلەنگەن تەقدىردىمۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ باشچىسىنى ئۆلتۈرۋەتسىلار ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.

 

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مېنىڭچە بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر، ئۇ بولسىمۇ ھەرقانچە ئاجىز ھايۋانمۇ ھەرقانچە كۈچلۈك كۈشەندىگە دۇچ كەلگەندىمۇ، ئۇلار تەبىئىي ھالدا يەنىلا قېچىپ كېتىشنى تاللايدۇ. كۈچلۈك ھايۋانلار ئارىسىدىكى ئېلىشىشتا، ئاجىز تەرەپ ئەزەلدىن قول قوشتۇرۇپ تۇرمايدۇ، بەلكى بارلىق ئاماللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، ئافرىقا سۇ كالىسى بىر توپ شىرلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كەلگەندىمۇ جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، شىر ئېنىقكى ئافرىقا سۇ كالىسىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى.

 

ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

شۇڭا ئاجىز ھايۋانلار مەڭگۈ كۈچلۈك ھايۋانلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، بەلكى تەبىئىي ھالدا قېچىپ كېتىدۇ، پەقەت كۈشەندىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈش ئىقتىدارى ۋە بەدىنىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنى كۈچلۈك كۈشەندىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمىدىن سەۋەب ئىزدەشكە بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى