«شېكەر خۇمارى»نى تاشلاش ئۈچۈن پەقەت 21 كۈن كېتىدۇ
شېكەر شېرىن تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا ئادەمنى «خۇمار قىلىدۇ». ئامېرىكا نىيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوزۇقشۇناسلىق دوتسېنتى لورىنكانى مۇنداق دېدى: بىر يۈرۈش «شېكەرنى تاشلاش پىلانى» تۈزۈپ چېقىلدى: بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ھېچقانداق شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىق، يېمەسلىك، لېكىن مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلاش.
3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، شېكەر تاشلىغۇچىلار بەدىنىنىڭ كۆنەلمىگەنلېكىنى، چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن، سەيلە قىلىپ، چوڭقۇر خىيال سۈرۈپ، فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىنى تەڭشىسە بولىدۇ.
8 ~ 10 كۈندە تەم سەزگۈسى ئۆزگىرىشكە باشلاپ، تاتلىق تەمگە ئانچە ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، يەنە شېكەر يېگۈسى كەلگەندە، بەدەن بۇ ۋاقىتتا قورسىقىنىڭ ئاچقان-ئاچمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
21 كۈندىن كېيىن، شېكەر تاشلىغۇچىلار كۆپ ھاللاردا شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاقىلانە كونترول قىلالايدۇ.