Windows سېستىمىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلىدىغان دېتال
كومپيوتېرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق قىلىۋېلىڭ
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەرر مۇشۇ ۋاختىڭلار خەيىرلىك بولسۇن!
گەپنىڭ مۇھىم يېرىدىنلا باشلاي 7- ئايلار تەتىل ۋاختىغۇ دەيمەن ، نۇرغۇن تورداشلار بىلىملەر مۇنبىرىغا Windows سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى چىرايلىق قىلىدىغان دېتالنىڭ لازىملىقىنى سوراپ تېما يوللاپتىكەن ھەم ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتىكەن ، شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ شۇ دېتالنىڭ مەندە بارلىقىنى ، ھازىر تەتىل ۋاختى بولغاچ تەتىلدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ ئاندىن كومپيوتېر ئالدىغا بارالايدىغانلىقىمنى شۇ ۋاقىتتا يوللاپ بېرىدىغىنىمنى ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم ، شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار مىنى ئىزدەپ شۇ دېتالنى سورىغانمۇ بولدى.
تەتىلنى ئاران دېگەن تۈگىتىپ كومپيوتېرىمنى دىتالنى شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن تورداشلارنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەي دەپ باشقا ئۇسۇللارنى تېپىپ بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلدىم، شۇڭا سالونىمدىكى تۇنجى يازمام مۇشۇ بولۇپ قالدى.
ئوقۇپ مۇشۇيەرگە كەلگەندە قۇرۇق گەپنى جىق قىلىدىغان بالىكەن بۇمۇ دەپ قالماڭلار ئەمدى ، مەزمۇننىڭ يامان يېرىگە كەلدۇق .
ئالدى بىلەن مەن تەمىنلەپ بەرگەن دېتالنى چۈشۈرىسىز ، ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىملەرگە ئوخشاش مەشغۇلات قىلساڭلار بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://share.weiyun.com/5KuGvQc
1-قەدەم :
ئوڭ تەرەپتىكى يېشىل بەگە ئۇرۇلغان دېتالنى ئاچىمىز.
ئوڭ تەرەپتىكى يېشىل بەگە ئۇرۇلغان دېتالنى ئاچىمىز.
2- قەدەم:
ناۋادا خەت نۇسخىسى بولمىسا ، چۈشۈرگەن دېتالىڭىزنى ئىچىدە font دەپ قىسقۇچ بار ، شۇ يەردىكى خەت نۇسخىللىرىنى قاچىلىۋەتكەندىن كېيىن يۇقارقى باسقۇچ بويىچە قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى:
خەت نۇسخىللىرنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۈنۇپكىسىنى بېسىپ قاچىلاش (安装) دېگەن تاللاپ قاچىلايسىز.
تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈنۈم :
چۈشۈرىدىغان دېتال پاكىز ، ئېلانسىز ، كومپيوتېرىڭىزنى ئەخلەت قىلىۋەتمەيدىغان بىخەتەر يېشىل دېتال خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ
مەزكۇر يازمىنى ئۆزۈمنىڭ سالونىدىن كۆچۈرۈپلا يوللىدىم ، تورداشلارنىڭ سالونىمنى قوشىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سالون ئىزدەش نامى: Bashqut_IT
نادىر تىما بولۇپتۇ ،داۋاملىق ياخشى تىمىلىرڭىزنى كۈتىمىز ، ھارمىغايسىز
سىزگىمۇ رەھمەت بىلوگىمنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم……….