ھاراقنىڭ گىرادۇسى قانچە يۇقىرى بولسا ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى شۇنچە زەخىملىنىدۇ
باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەر يىغىلىپ تاماق يېگەندە «ئىككى يۇتۇم ئىچىش»تىن خالىي بولالمايمىز. لېكىن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئىسپىرتنىڭ گىرادۇسى قانچە يۇقىرى بولسا ئىممۇنىتېت كۈچىگە بولغان زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. نۆۋەتتە يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىغان ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى ئاق ھاراق ياكى ۋىسكى قاتارلىق يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراقلارنى ئاز ئىچىش كېرەك.
ھاراقنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى بۇرۇنلا ئىسپاتلانغان. مەسىلەن، ئىسپىرت تەركىبى يۇقىرى بولغان ئۆتكۈر ھاراق كېكىردەك شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى بىرىنچى توسۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىسپىرت زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ۋە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. يەنە تېخى ھايۋانات تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسپىرت ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى-T، B ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېقىندا، ياپونىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىممۇنولوگىيە پىروفېسسورى ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: ئىسپىرت ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى يەنە بىر قېتىم زەخىملەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل «ئىككىنچى قېتىملىق زەخىملىنىش» تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.
بىرىنچى، ئۇزاق مۇددەت ھاراقنى كۆپ ئىچىپ زاكۇسكا يېگەندە، دىئابېت كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان ئايلىنىشنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ زۆرۈر بولغان توقۇلما ئەزالارغا يېتىپ بارالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى، ھاراقنى كۆپ ئىچىش يەنە جىگەر ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپىرت جىگەردە ئوكسىدلىنىپ ئېتىل ئالدېگىدقا ئايلىنىدۇ، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە ئېتىل ئالدېگىد پارچىلانماي، جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جىگەر يېمەكلىكتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرىدۇ، مەسىلەن جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ۋە ئانتىتېلانى نورمال بىرىكتۈرەلمەيدۇ.
ئىسپىرتنىڭ بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشى ئادەتتىكى ساۋات، لېكىن يۇقۇم يۈز بەرگەن مەزگىلدە كىشىلەرنىڭ بېسىمى ئومۇميۈزلۈك ئېغىر بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ ياخشىسى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنى، مەسىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىنچە ھاراق تاشلىيالمىغاندا، يىغىلىشتا يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بىر خىل زاكۇسكىنىلا يېمەي، تۈرى كۆپ بولۇشى، ئاقسىل، قەنت، ماي، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، تاماق تالاسى قاتارلىق تەركىبلىرى تەڭپۇڭ بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىش كېرەك. ئەگەر بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتسە، يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىمكانقەدەر سۇيۇقراق بولغىنى ياخشى.