ساغلاملىق

ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىماقچى بولسىڭىز بۇ ئاماللارنى قوللىنىڭ

ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاشقازان دىۋارىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت نېپىز پەردە بولۇپ، ئاساسلىقى ئەزا نەيچىلىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، ھەمدە ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە يەنە قان تومۇر ۋە نېرۋىلار مول بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاشقازان شىللىق پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، مۇناسىپ ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاشقازان كېسەللېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراشتۇر.

ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىماقچى بولسىڭىز بۇ ئاماللارنى قوللىنىڭ

قايسى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىيالايمىز؟

1. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

ھەرىكەت تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان ئاشقازاننى ئاسراش ئۇسۇلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب، ھەرىكەت جەريانىدا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشقازان شىللىق پەردىسى قىسىمىدىكى قان ئايلىنىشمۇ بار، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ھالىتىنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى تەڭشەپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ياشانغانلار بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ياشانغانلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسى مۇكەممەل بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇناسىپ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا ئاشقازاننى غىدىقلىۋېتىشى مۇمكىن.

2. تاماقنى يۇمشاق چايناپ، ئاستا يۇتۇش

تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتقاندا، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئوخشاشلا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدىغان ئۇسۇلدۇر. چۈنكى، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتقاندا، چىشنىڭ يېمەكلىكلەرنى تولۇق ئېزىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان تېخىمۇ ياخشى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرەلەيدۇ، ھەمدە يېمەكلىك شۆلگەي بىلەن بىللە ئاشقازانغا كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتقاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.

ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىماقچى بولسىڭىز بۇ ئاماللارنى قوللىنىڭ

3. تاماقنى سەككىز ئۈلۈش تويغىچە يېيىش

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يېگەندە سەككىز ئۈلۈش تويغىچە يېيىشكە كېرەك دەيدۇ، چۈنكى سەككىز ئۈلۈش تويغاندا ئاشقازانغا بەك چوڭ بېسىم بولمايدۇ، شۇنداقلا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر بەك تويۇپ كەتسە، ئاشقازانغا بېسىم بولىدۇ، ئاشقازان بېسىمى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە، يېمەكلىك قىزىلئۆڭگەچكە تەتۈر ئېقىپ كىرىپ، تەتۈر يېنىشچان قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش

ئادەتتە تۇرمۇشتا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، شۇڭا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىپ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازانغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، خام، سوغۇق يېمەكلىكلەر ۋە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ئاسانلا تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر قىسىم يېمەكلىكلەر ئۇزاق مۇددەت ئاشقازاندا تۇرسا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى داۋاملىق زەخىملەندۈرىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، زەخىملىنىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

5. يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى پاكىز بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەر كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەر بىلەن بىللە ئاشقازانغا كىرىدۇ، بۇ كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئاسانلا ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئاشقازان دىۋارىدا ئۇزۇن مۇددەت كۆپىيىدۇ ھەمدە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش جەريانىدا يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇپ، باكتېرىيە قالدۇقلىرى قېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىماقچى بولسىڭىز بۇ ئاماللارنى قوللىنىڭ

6. مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ئىچىش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئۈنۈملۈك ئاسرىغىلى بولىدۇ، چۈنكى كالا سۈتىدە غىدىقلىغۇچى تەركىبلەر يوق بولۇپ، بەزى غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، سۈت ئىچىپ بەرسە ئاشقازان دىۋارىغا بولغان غىدىقلاشنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالا سۈتى ئاشقازان مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كىسلاتالىقىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئادەتتە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ياخشى ئاسرىسىلا، ئېغىر ئاشقازان كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقمايدۇ، چۈنكى كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان تېشىلىش ۋە يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاشقازان شىللىق پەردىسى زىيانغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى