بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ناچار بولسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ دائىم زۇكام بولۇپ قىزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن دەپ گۇمانلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتتىكى تېخىمۇ كۆپ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇشى ناتايىن.
ئەگەر بالىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرا قۇلاقنىڭ يۇقۇملىنىش قېتىم سانى تۆت قېتىمدىن ئارتۇق بولسا،
2. بىر يىل ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇرۇن كاۋىكى يۇقۇملىنىش ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە،
3. بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ئۆپكە ياللۇغى بولغانلار،
4. بالا ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇدا ئىككى ئاي ئانتىبىيوتىك دورا بىلەن داۋالىغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى يەنىلا ياخشى بولمىسا،
5. بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىسا ياكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولسا،
6. بالىدا چوڭقۇر قىسىم تېرىسى ياكى ئەزالىرىدا تەكرار يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولسا،
7. بالا جاۋغاي ياللۇغى ياكى تېرە زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، مۇنتىزىم داۋالىغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق قايتا قوزغالسا،
8. ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق جاھىل خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش، مەسىلەن : قان بۇلغىنىش كېسىلى (败血症، سېپتىتسېمىيە) قاتارلىقلار،
9. جەمەتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىشى ياكى بىرلەمچى ئىممۇنىتېت كەملىك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇشى قاتارلىقلار،
ئەگەر بوۋاقتا يۇقارقى ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىشى كېرەك.