رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى مۇنداق ياخشىلايمىز
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدىن سوغۇق ھاۋانىڭ نەپەس يولى بىلەن بەدەنگە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن قىچىشىش، ماڭقا ئېقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىمۇ تەكرار قوزغىلىدۇ. رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى قوللىنىشى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىغا ئاساسەن كىيىم-كېچەكلەرنى كۆپەيتىپ، سوغۇق ھاۋانىڭ بۇرۇننى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشىسى شارپا، ماسكا تاقاش كېرەك.
قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىك-دېرىزىلەرنى مەھكەم تاقايدۇ، لېكىن ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسا، مىكروب ۋە چاڭ-توزانلار ئۆيدە ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ، بۇرۇن بوشلۇقىنى غىدىقلايدۇ. شۇڭا دېرىزىنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا نەم ھاۋانى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇزۇن ۋاقىت پار بېرىش، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەملىكنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىغا پايدىسىز.
رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى مۇھىتتىكى ماددىلارغا قارىتا ئالاھىدە ئىممۇنىتېت ئىنكاسى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە قارشىلىق كۈچى ناچار بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغاچقا، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋىتامىن C تولۇقلاشتا چىڭ تۇرغاندا ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ھەر خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاپ، ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان مېۋە-چېۋە، ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ تەن ساپاسىنى ياخشىلاپ، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ قايتا-قايتا قوزغىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ھەمدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.