ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۆپ تەرەپلىمە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ياشنىڭ چوڭىيىشى ياكى زىيادە بېسىم. ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلاشسا، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، چوقۇم ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىر خىل ئىنتايىن ياخشى تاللاشتۇر.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتسە، قانداق يېمەكلىك يېيىش كېرەك؟
1. بېلىق
بېلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلاشقانلارغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ، چۈنكى بېلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يەنە كېلىپ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پۈتۈن بېلىق ئىچىدە بېلىق بېشىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، چۈنكى بېلىق بېشىدا لېتسىتىن (卵磷脂) بار، لېتسىتىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئېسىل تەركىپ، ئۇنىڭدىن باشقا لېتسىتىن مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلىتالايدۇ. بېلىق گۆشى چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغاندىن سىرت، يەنە كۆزنى ئۇزۇن مۇددەت يورۇق ھالەتتە ساقلايدۇ.
2. بانان
بانان گەرچە تاتلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، باناندا مول تىرىپتوفان ۋە ۋىتامىنلار بار. بۇ ئوزۇقلۇق تەركىبلەر دەل مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە كۆپىيىش ۋاقتىدىكى زۆرۈر ماددىلاردۇر. دائىم بانان يېگەندە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ كۈچىيىدۇ، ھەتتا چوڭ مېڭىمۇ بارغانسېرى جانلىنىدۇ.
3. ياڭاق
ياڭاقنىڭ شەكلى چوڭ مېڭە بىلەن ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدە چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن تەركىبلەر بار، مەسىلەن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلار. ھەر كۈنى ئىككىدىن ئۈچكىچە ياڭاق يېيىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، چوڭ مېڭە يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ئەگەر خىزمەت سەۋەبىدىن چوڭ مېڭە چارچىغاندەك ھېس قىلسا، ياڭاق يېيىش ئارقىلىقمۇ يوقاتقىلى بولىدۇ.
4. كاۋا
كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول كاروتېنمۇ بار، بۇ تەركىبلەر چوڭ مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كاۋىنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى بۇنداق ئاددىي بولۇپلا قالماستىن، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلغاندىن باشقا، تەمىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئەڭ مۇھىمى ناھايىتى ئاسان ھەزىم بولىدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر دائىم ئىچى تىت-تىت بولسا ياكى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئۇسسىسا كاۋا يېسە بولىدۇ، چۈنكى كاۋىنىڭ بۇ خىل ئالامەتلەرنى پەسەيتىش رولى بار.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن باش قاتۇرىدىغان ئىش، چۈنكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت ناھايىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوڭ مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دائىم سەيلە قىلىش، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، زىيادە بېسىمغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار. مۇشۇنداق ھەر جەھەتلەردىن ماسلاشقاندا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، چوڭ مېڭە تېخىمۇ جانلىنىدۇ.