دىققەت قىلىڭ، ئۆپكە راكى بۇ كىشىلەرگە كۆز تاشلىماقتا
يېقىنقى بىر قىسىم يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەش ھالىتىدە تەرەققىي قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئۆپكە راكى ئىكەن. ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئىنسانلارنىڭ بەزى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئاسرىشىمىز، بۇ خىلدىكى راك كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
ئۇنداقتا، ئۆپكە راكى قايسى كىشىلەرگە كۆز تاشلىماقتا؟
1. ئاساسىي ئۆپكە كېسىلى تارىخى بار كىشىلەر توپى
نۇرغۇن كىشىلەردە ئەسلىدىلا بىر قىسىم ئۆپكە كېسەللىك تارىخى مەۋجۇت، مەسىلەن، بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ياكى ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. تېببىي خادىملار ئۆپكە راكى بىمارلىرىنىڭ پاتالوگىيەلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق چىقارغان يەكۈنىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى مەزگىلدە ئەگەر ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا كېيىنكى مەزگىلدە ئادەتتىكى ئەھۋالدا تۈگۈنچە چوڭىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ياخشى داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىشقا ئېرىشەلمىسە، ناھايىتى ئاسانلا ئۆپكە راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
2. تاماكا چەككەن ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن كىشىلەر توپى
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكىدا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 42 خىل ۋىرۇس بولۇپ، تاماكا چېكىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر ئىكەن. بىر قىسىم كىشىلەر توپى يەنە ئاكتىپ تاماكا چېكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىش دەپ ئايرىلىدۇ، يەنى بىز دائىم دەيدىغان بىر تال تاماكا چېكىش يەنىلا ۋاسىتىلىك تاماكا چېكىش. ئىككىنچى قول تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر توپى سۈمۈرگەن زىيانلىق ماددىلار بىرىنچى قول تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە راكى يېشى كىچىك ھەم تاماكا يېشى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان كىشىلەرگە ئامراق.
3. ئۇزۇن مۇددەت رادىياتسىيە بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەر توپى
كۆپچىلىككە مەلۇم، رادىيوئاكتىپ نۇر بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ رادىيوئاكتىپ نۇر بۆلۈمىدە بەدەن تەكشۈرگەن ۋاقىتتا، ئىشىكتە ئادەتتە زور مىقداردىكى رادىياتسىيە يىراق تۇرۇڭ دېگەن خەتلەر بولىدۇ. ئەگەر بىز رادىيوئاكتىپ نۇردا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى بولمىسا. ئۇنداقتا باشقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى.
4. بۇلغانغان رايوندا ياشاۋاتقان كىشىلەر توپى
يېقىنقى بىر قىسىم يىللاردا مەيلى ھاۋا بولسۇن ياكى باشقا مۇھىت بولسۇن، بۇلغىنىش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، ئۇزۇن مەزگىل بۇلغانغان مۇھىتتا ياشىغان كىشلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇلغانغان مۇھىتتا ياشىسا ھەمدە شۇ مۇھىتتا كۆپ مىقداردا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولسا، ئۇنداقتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئائىلىدە راك كېسىلى تارىخى بارلار، بولۇپمۇ بۇرۇن سۈت بېزى راكى ۋە ئۆپكە راكى بولۇپ باققان دوستلار بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىككى خىل كېسەللىك بىلەن جەمەت ئىرسىيىتىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا بۇ خىل كېسەللىك ئاسان پەيدا بولىدۇ.