ئاجايىباتلار

بايلارنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان غەلىتە بۇيۇملىرى

1. ئالتۇندىن ياسالغان چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ

بۇ چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى چوقۇم ناھايىتى كۈچلۈك دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالتۇندىن ياسالغانلا يېرى بار خالاس. «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ» دەپ ئاتالغان بۇ چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ بولسا، 24Kلىق ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 7.6 كىلوگرام كېلىدۇ. باھاسى 913 مىڭ 306 ئامېرىكا دوللىرى(ئالتە مىليون 348 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا).

2. ئالتۇندىن ياسالغان كاۋاپدان

بۇ خىل كاۋاپداننىڭ باھاسى سىزنىڭ 50 دانە ئادەتتىكى كاۋاپدان سېتىۋېلىشىڭىزغا يېتىدۇ. بۇ كاۋاپدانغا 24K لىق ئالتۇن يالىتىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «سىدنىي ئائىلە كۆرگەزمىسى» ئۈچۈن ياسالغان. 2009-يىلى 11-ئايدا «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كاۋاپدان» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدا ئالتە دانە كۆيدۈرگۈچنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان كاۋاپدان ۋە قازان قويغۇچ، كۋارتس ئوت ئالدۇرغۇچ، قىزدۇرۇش جازىسى، يۇقىرى بېسىملىق كۆيدۈرگۈچ ۋە پارلاندۇرغۇچ رېشاتكىسى بار بولۇپ، بۇ شىركەت بۇ كاۋاپداننى مەخسۇس ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق كىشىلەر ئۈچۈن ياسىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قىممىتى 165 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى(بىر مىليون 147مىڭ يۈەن) ئەتراپىدا ئىكەن.

3. ئالتۇندىن ياسالغان تۈپلىگۈچ ۋە مىخ

بۇ ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار ئوقۇش قوراللىرىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش ئالتۇندىن ياسالغان تۈپلىگۈچ ۋە مىخنى گوللاندىيەدىكى لايىھەلەش شىركىتى Oooms لايىھەلەپ چىققان، ھەمدە ئۇنى مامۇقتىن ياسالغان ئۈنچە-مەرۋايىت قۇتىسىغا قويۇپ قويغان بولۇپ، ئۇ ئادەمگە ئوقۇش قوراللىرى ئەمەس، بەلكى ئۈنچە-مەرۋايىتتەك تەسىر بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يەنە كىيىم-كېچەكلەرنى ياكى باشقا نەرسىلەرنى مىخلاپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل 24kلىق ئالتۇن يالىتىلغان بىر رەت مىخنىڭ باھاسى 210 ئامېرىكا دوللىرى( 1500 يۈەن ئەتراپىدا) ئىكەن.

4. ئالتۇن يالىتىلغان گانتېل

ئالتۇن گانتېلنى كۆرگەن كىشىلەر «بۇ ناھايىتى ئەخمىقانە بىر لاھىيە بوپتۇ» دېيىشى مۇمكىن، لېكىن بايلار ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكىچە بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر جۈپ گانتېلنى گېرمانىيەلىك لايىھىلىگۈچى كرىستوف خوك لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى 110 مىڭ دوللار (770 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا) ئىكەن. بۇ نەپىس ياسالغان گانتېلنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر كىلوگرام بولۇپ، بۇنىڭدىن جەمئىي تۆت دانە بار، ئۇنىڭغا 18K لىق ئالتۇندىن جەمئىي 1.5 كىلوگرام ئىشلىتىلگەن.

5. ئالتۇن كاپسۇلى

گەرچە ئاڭلىماققا ناھايىتى غەلىتە بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئالتۇن كاپسۇلىنى ھەقىقەتەن يېگىلى بولىدۇ. بۇ كاپسۇللارغا 24K لىق ئالتۇن تولدۇرۇلغان بولۇپ، داڭلىق لايىھەلىگۈچى Tobias W بىلەن J.A.Rk لايىھەلىگەن. ھەربىر دانىسىنىڭ باھاسى 425 ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 3000 يۈەن ئەتراپىدا) ئىكەن. لېكىن، بۇ ئادەمگە غەلىتە تەسىر بېرىدىغان ئالتۇن كاپسۇلنىڭ ھېچقانداق دورىلىق قىممىتى يوق ئىكەن.

6. ئالتۇن ساندىۋىچ

ساندىۋىچ غەربلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن ئاددىي، تېز تەييارلىنىدىغان ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. لېكىن نيۇيورك شەھىرىدىكى داڭلىق serendippity 3 رېستۇرانىدىكى بىر ساندۋىچنىڭ باھاسى 214 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، تارىخىي رېكورت ياراتقان. رېستۇران خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ساندىۋىچ ستېروئىد(جانلىقلار دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان بىر چوڭ تۈردىكى ھىدروگېنلاشقان ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى) بىلەن پىشۇرۇلغان پىشلاققا ئوخشايدىكەن.

بۇ خىل ساندىۋىچنى پىشۇرۇش ئۈچۈن، فرانسۇز بولكىسى كەم بولسا بولمايدىغان بولۇپ، بۇ بولكىنى پىشۇرغاندا دون پېرىنون ماركىلىق شامپان شاھى ۋە 23K ئالتۇنىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئىرىمچىك تولدۇرۇلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا پەقەت 25 مىڭ سۈت كالىسىدىنىلا، بۇ خىل ئېرىمچىكنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۈت چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھەر يىلى پەقەت ئىككى ئايلا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاق قارىغاي مېيى بىلەن ئالتۇن ياپراقچىنىڭ ئارىلاشمىسى بولكىنى تېخىمۇ چۈرۈكلەشتۈرىدۇ. ئۇنى قوش قەۋەتلىك قازانغا سېلىپ تۆت مىنۇت ئېرىتىپ، ئاندىن كۆپتۈرۈپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، ساندىۋىچنىڭ يان تەرىپىگە دەرھاللا يېگىلى بولىدىغان 23Kلىق ئالتۇن سۈركىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەشەمەتلىك، ئەڭ قىممەت ساندىۋىچ پۈتۈپ چىقىدۇ.

7. ئالتۇن ئېمىزگۈ

قىممىتى 2 مىليون 500 مىڭ دوللار(17 مىليون 381 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا) كېلىدىغان بۇ ئېمىزگۈنى ئىسپانىيەدىكى ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازلىرى ياساش كارخانىسى Suommo ئىشلەپچىقارغان. بۇ قولدا ياسالغان ئېمىزگۈ 18 كارات ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىگە ئالماس بېكىتىلگەن. بوۋاق ئۇنى ئەممىگەندە، ئۇ بىر بۇلاپكىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ئېمىزگۈ بوۋاق بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ، بوۋاقنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى زىبۇ-زىننەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ ياسالغان.

8. ئالتۇن يۈز چاپلىقى

بىز بەزىدە يۈزىمىزگە يۈز چاپلىقى چاپلاپ تېرىمىزنى ئاسرايمىز، ياكى ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ تېرىمىزنى ئوزۇقلاندۇرىمىز. لېكىن، ئالتۇن يۈز چاپلىقى چاپلاپ تېرىنى ئاسراش دەپ ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ بۇ خىل ئالتۇن يۈز چاپلىقىنىڭ يۈز تېرىسىنى ئاسراش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ، ئۇ قان ئايلىنىش، توكسىننى چىقىرىپ تاشلاش، ھۈجەيرىلەرنى يېڭىلاش ۋە تېرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. لېكىن بۇ چاپلاق بىر ئاز قىممەت بولۇپ، 24K لىق ئالتۇن يۈز چاپلىقىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى( تەخمىنەن 7000 يۈەن)غا يېتىدۇ.

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى