ئەپچاقتىن كىنو چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىمىزغا fiddler نى چۈشۈرىمىز (مەنبە تۇتۇش دىتالى ) بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
دىتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى Fiddlerدىگەننى بىسىپ دىتالنى قوزغىتىمىز ،بۇ دىتال ئەسلى ھەقلىق ھەم ئىنگىلىسچە دىتال بولۇپ مەن يىشىۋىتىلگەن يىشىل ھالەتتىكى دۆلەت تىلى تىلىدىكى دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ قويدۇم دىتالنى قاچىلاش ھاجەتسىز بىسىپلا قوزغۇتالايسىز ئەسكەرتىش ،دىتالنى ئاچقاندىن كېيىن يىڭىلامسىز دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ ،بۇ يەردە سىز ياق دىگەننى بىسىڭ يىڭىلىۋەتسىڭىز ھەقسىز ئىشلىتەلمەيسىز
دىتالنىڭ قوزغاتقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرىنىدۇ
بىز ئالدى بىلەن دىتالنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرىنى تەڭشىۋالىمىز
دىتالنىڭ ئۈستى تىزىملىكتىكى 工具 نى بىسىپ چىققان تىزىملىكتىن 选项نى باسىمىز
باسقاندىن كېيىن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ
بۇ يەردىن كۆزنەكنىڭ httpsدىگەن تاللىغۇچىغا كىرىپ 解密https流量دىگەنگە توغرا بەلگىسى قۇيساق بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ
بۇ ئەسكەرتىشتىن yesدىگەننى باسىمز ،بۇ Fiddlerنىڭ 证书سىنى قاچىلايدىغان يەر بۇ يەرنى چۇقۇم قىلىشىمىز كېرەك بولمىسا دىتالنى نۇرمال ئىشلىتەلمەيمىز
yesنى باسقاندىن كېيىن يەنە بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ بۇ يەردىن يەنە 是نى باسىمىز
是نى باسقاندىن كېيىن يەنە بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ يەنە 是نى باسىمىز
باسقاندىن كېيىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ بۇ 证书نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچلانغانلىق ئەسكەرتىشى
ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگە ئورۇنغا بەلگە قۇيۇپ مۇقۇملاشنى باسقاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرى تۈگەيدۇ
ئەمدى ئادىرىس تۇتشنى باشلىساق بۇلىدۇ
ئەمدى بىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان ئەپچاقنى ئۈندىدارنىڭ كومپىيوتىر نۇسقىسىدا ئاچىمىز ،سىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان ئەپچاق بۇيەدە كۆرۈنمىسە ئۈندىدارنىڭ يانفۇن نۇسقىسىدا شۇ ئەپچاقنى بىر قىتىم ئىچىۋەتسىڭىز كۆرىنىدۇ
ئەپچاقنى ئاچقان ھامان دىتال ئەپچاقتىكى رەسىم ۋە باشقا مەنبەلەرنى تۇتۇشقا باشلايدۇ
بۇ يەردە بىز ئادىرىسىنى ئالماقچى بولغان كىنونى قۇيىمىز ،قويغاندىن كېيىن ئادىرىس تۇتۇشقا باشلايدۇ ،بۇ دىتال بىۋاستە كىنونىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تۇتىدىغان بولۇپ بىز ئادىرىس تۇتماقچى بولغان كىنونىڭ m3u8فورماتىدىكى ئادىرىسىنى تىپىپ بىرىدۇ بىز بۇ ئادىرىسنى m3u8 نى بىرلەشتۈردىغان دىتاللار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ كومپىيوتىرىمىزغا mp4ھالەتتە ساقلىۋالىمىز ۋە بىر مۇقىم بوشلۇق تىپىپ شۇنىڭ كىنونى شۇ بوشلۇققا يوللىساق كىنونىڭ ئادىرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللايمىز (阿里云ossنى تەۋسىيە قىلىمەن ) ياكى كىنونى سالونغا يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن wxvئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللىسالارمۇ بۇلىدۇ
بۇ يەردە بىز پارچىلانغان فىلىمنىڭ خالىغان بىر پارچىسىنى تاللايمىز ئەسكەرتىش: فىلىنىڭ سۈرىتى بارى ئەمەس چۇقۇم ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك رەسىمى با خالىغان بىر پارچىسىنى تاللايمىز
تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ كۆچۈرۈش دىگەننى بىسىپ كۆچۈرىۋالىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
كۆچۈرگەن ئادىرىسنى تور كۆرگۈچكە ياكى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ كۆرۈپ باقىمىز ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىڭەيتىلگەن نامى m3u8بولسا توغرا بۇلىدۇ ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
ئەمسى بىز فىلىمنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلايمىز بىرلەشتۈردىغان دىتالنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
دىتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يىشىپ دىتالنى ئاچىمىز
دىتالنى ئاچقاندىن كىين ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ
دىتال ئىچىلغاندىن كېيىن ئۈستىدىكى كاتىكچىگە بايا بىز كۆچۈرىۋالغان m3u8ئادىرىسىنى چاپلايمىز چاپلاپ 添加نى باسىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك
添加بە باسقاندىن كېيىن ۋەزىپە سىتونىدا بىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان فىلىمنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ
بۇ يەدىن بىز 全部开始نى باسىمىز باسقاندىن كېيىن بىرلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ
سەل ساقلاپ تۇرساق بىرلەشتۈرۈپ بولغانلىقنى ئەسكەرتىدۇ
بۇ چاغدا بىز دىتالنىڭ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ output دىگەن ھۆجەت قىسقۇچنى ئىچىپ قارايمىز
قارىساق كىنونىڭ mp4ساقلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز
كىنونى قۇيۇپ باقساقمۇ نۇرمال قۇيۇلىدۇ
ئەمدى بىر مۇقىم بوشلۇق تىپىپ شۇنىڭ كىنونى شۇ بوشلۇققا يوللىساق كىنونىڭ ئادىرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللايمىز (阿里云ossنى تەۋسىيە قىلىمەن ) ياكى كىنونى سالونغا يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن wxvئادىرىسىنى ئىلىپ ئەپچاققا يوللىسالارمۇ بۇلىدۇ دەرىسلىك مۇشۇ يەدە ئاخىرلاشتى كۆپچىلىككە رەخمەت
ئاخىرىدا دىتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يەنە بىر تەمىنلەي
مەنبە تۇتۇش دىتالىنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
بىرلەشتۈرۈش دىتالىنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
ئەسكەرتىش: بۇ دەرسىلىكنى كۆرۈپ ھەرقانداق نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان كىنولارنىڭ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ،ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان كىنولارنىڭ ئادىرىسىنى ئىلىپ ئىشلىتىپ كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە بىلىملەر تورى ۋە تىما تەييارلىغۇچى مەسئۇل بولمايدۇ