ساغلاملىق

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى بەك كۆپ تەرلىسە دىققەت قىلىش كېرەك

تەرلەش سىمپاتىك نېرۋىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە ئالقان ۋە پۇت بارمىقىدىن باشقا، پۈتۈن بەدەندىكى باشقا تېرىلەردىن تەر چىقىدۇ، تەرلەش ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ.

ئەگەر دىيابېت بىمارلىرى ئاسان تەرلىسە، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

1. قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش

تېرە ۋە مۇسكۇلدىكى قان تومۇر، تەر بېزى، تۈك تىكلىگۈچى مۇسكۇل قاتارلىقلار سىمپاتىك نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. سىمپاتىك نېرۋا قوزغالغاندا تېرە قان تومۇرلىرى قىسقىراپ، تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىلىشى كۆپىيىدۇ. ئەمما قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا تەڭشەشكە قاتناشمايدۇ.

قان شېكىرى تۆۋەن بولغاندا، سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى روھلىنىدۇ، شۇڭا تەرلەش قان شېكىرى تۆۋەن بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى.

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى بەك كۆپ تەرلىسە دىققەت قىلىش كېرەك

2. دىيابېت كېسىلىدىكى ئاۋتونۇمىك نېرۋا (自主神经)كېسەللىك ئۆزگىرىشى

دىيابېتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، ئادەتتىن تاشقىرى تەرلەش دىيابېتلىق ئاۋتونۇمىك نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم سىگنالى بولۇپ، %60 دىيابېت بىمارلىرىدا تەر چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

نۇرغۇن دىئابېت بىمارلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئاسان تەرلەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، يېرىم بەدەندىن تەر چىقىدۇ، يېرىم بەدەندىن تەر چىقمايدۇ، تاماق يېسىلا تەرلەپ كېتىدۇ.

تەر كۆپ ھاللاردا دىيابېتلىق ئاۋتونۇمىك نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئېغىرلىرىدا پۇت ۋە بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا چېتىلىدۇ، ئەمما ئۈستۈنكى يېرىم بەدەندىن تەر كۆپ چىقىدۇ، باش ۋە كۆكرەك، دۈمبە قىسىملىرى كۆپ تەرلەيدۇ، بۇ تۆۋەنكى يېرىم بەدەندىن چىققان تەرنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر خىل كومپېنساتسىيەسى بولۇشى مۇمكىن.

3. دىيابېتقا قالقانبەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش قوشۇلۇپ كېلىش

قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسىدە كۈچىيىش بولسا، قالقانسىمان بەز زىيادە كۆپ قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپ بېرىپ، ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشى كۈچىيىپ كېتىش ۋە سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىدىكى يۇقىرى ماددا ئالمىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئىسسىقتىن قورقۇش، كۆپ تەرلەش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. دىئابېت كېسىلىگە قوشۇلۇپ ھەيز توختاش ئالامىتى كۆرۈلۈش

ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىمۇ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي ھورمۇننىڭ داۋالغۇشى ياكى ئازىيىشىدىن كېلىپ چىققان بىر قاتار مۇستەقىل نېرۋا سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ئاساس قىلغان، نېرۋا پىسخىكا ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بىر گۇرۇپپا كېسەللىك ئالامىتى.

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قىزىش، تەرلەش قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئالاھىدە خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

قىزش ئالدى كۆكرەكتىن باشلىنىپ ئاندىن باش-بويۇن قىسمىغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ، ئاز ساندىكى ئاياللاردا پەقەت باش، بويۇن ۋە كۆكرەك بىلەنلا چەكلىنىدۇ. قىزىغان رايونلاردا بىمار ئوتتەك قىزىپ، تېرىسى قىزىرىدۇ، ئارقىدىنلا تەر چىقىدۇ.

5. دىيابېتقا خرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى (嗜铬细胞瘤) قوشۇلۇپ كېلىش

خىرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ۋە بەدەننى تەرلىتىدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامىتى ۋە بەدەن ئالامىتى كاتېخولامىننىڭ(茶酚按)ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، يۇقىرى مېتابولىزم ھالىتى، يۇقىرى قان شېكىرى، كۆپ تەرلەش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئەگەر دىيابېت بىمارلىرى دائىم تەرلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى