تەرمىلەر

دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەڭ كلاسسىك سۆزلىرى

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

1. ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى، ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىغا ۋە جاسارىتىگە ئىشىنىشى كېرەك —— ناپولېئون
2. سىز ئىككى دۈشمەن ئارىسىدا گەپ قىلغاندا، ئۇلار يارىشىپ قالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، لايىقىدا بولۇشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك —— سادى
3. كىشىلىك ھاياتتا ئىككى خىل تىراگېدىيە بولىدۇ. بىرى ھەممە ئارزۇ-ئارمانلىرى يوققا چىقىش؛ يەنە بىرى كۆرەڭلەپ كېتىش —— بېرنارد

4. باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، كەمبەغەللەرگە مۇراجىئەت قىلىش بايلارغا مۇراجىئەت قىلىشتىن ئاسان —— چېخوف
5. ئۇلۇغ نىشان ئۇلۇغ ئادەمنى شەكىللەندۈرىدۇ —— ئېمونس
6. ئۇلۇغۋار ئىرادە ۋە قىزغىنلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ياردەمچىسى —— گيوتې

7. ئىشلىرىڭىزغا تۈرتكە بولۇڭ، ئىشلىرىڭىز سىزگە تۈرتكە بولمىسۇن —— ئېينىشتېين
8. ئادەم بىر سائەتكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ —— پېين
9. ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئاندىن باشقىلار سىزگە ئىشىنىدۇ —— رومىن روللان

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

10. ئادەم جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغاندىلا، ئاشۇ قىسقا ھەم خەتەرلىك ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپالايدۇ —— ئېينىشتېين
11. كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىممىتى ھايات ياشاشلا ئەمەس، بەلكى ئويغىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاش —— ئارىستوتېل
12. كۆپ ئاڭلاڭ، ئاز سۆزلەڭ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلىڭ، لېكىن ئاخىرقى كېسىمىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ —— شېكېسپېر

13. كىم دەۋرنىڭ ئۇلۇغ نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا ھەمدە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلەرگە بېغىشلىسا، شۇنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ —— نېكراسوۋ
14. كىمكى كىشىلىك ھاياتنى ئوينىماقچى بولىدىكەن، ئۇ ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ، كىمكى ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالمىسا، ئۇ مەڭگۈ بىر قۇل بولىدۇ —— گيوتې
15. ئالىيجانابلارنىڭ ھەرىكىتى دۇرۇس، جىمجىتلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادچانلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. سىرتتىن كەلگەن كاشىلىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تۇرۇپ ئۇلۇغۋار نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ —— جۇ گېلياڭ

16. سۈكۈت راست گەپ قىلمىغانغا قارىغاندا ئىجتىمائىي ئالاقىگە تېخىمۇ پايدىلىق —— مېڭ تيەن
17. بىر نەچچە چىۋىننىڭ بىر نەچچىنى چېقىۋېلىشىبىر باتۇر ئاتنى ھەرگىز تۇتۇپ قالالمايدۇ —— ۋولتېر
18. بىر تۇتام كالا يۇڭى چۈشۈپ كەتتى دەپلا بىر قازان قايماقنى تۆكۈۋەتمەڭ، كىچىككىنە خاتالىق سادىر بولدى دەپلا ئۆمۈرلۈك ئىشلارنى تاشلىۋەتمەڭ —— مېڭ تيەن

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

19. بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە پۈتكۈل تەقدىرى پەقەت ھەش-پەش دېگۈچە بەلگىلىنىدۇ —— گيوتې
20. خەتەردىن گۇمانلىنىش ۋە ئىنكار قىلىش دېڭىزى كىشىلەرنىڭ كىچىك ئاراللىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا بولىدۇ، ئىشەنچ بولسا كىشىلەرگە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنى نامەلۇم ئىستىقبالغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ —— تاگور
21. مۇۋەپپەقىيەتنى بىر ئادەمنىڭ قانداق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدا زادى قانچىلىك قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يەڭگەنلىكىگە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ. —— بۇك ۋاشىنگتون

22. ئاچچىقلانغاندا، ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن 10نى ساناڭ، ئەگەر قاتتىق غەزەپلەنسىڭىز، ئالدى بىلەن 100 گىچە ساناڭ —— جېففېرسون
23. ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ياۋايى ئادەم ئەمەس، تىلەمچىمۇ ئەمەس. ئادەمنىڭ تۆت ئەتراپى ھەقىقىي ھەم ئالىيجاناب بايلىق − جىسمانىي ۋە روھىي بايلىق بىلەن تولغان بولىدۇ —— خورىس مان
24. تۇرمۇشنى خام خىيالغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك —— كىيۇرى خانىم

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى