ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ مېڭىشنىڭ مۇنداق پايدىسى بار
پۇتقا قان-تومۇر ۋە پەللىلەر كۆپ جايلاشقان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان ئەزا ۋە قىسىملارغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا پۇت قىسمىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش تولىمۇ مۇھىم. تۆۋەندە ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ مېڭىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسىنى تونۇشتۇرىمىز:
1. بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ
مۇۋاپىق تۈردە ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ ماڭسا، بۆرەكنى سوغۇق قاپلاش، پۇت ئىششىش ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىىلى بولىدۇ.
2. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
جۇڭيى تېبابىتىدە قاننىڭ راۋانلىقى بەدەن ساغلاملىقىنىڭ ھالقىسى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئورۇندا تۇرۇپ پىيادە مېڭىش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ.
3. پۇتتىكى ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ مېڭىش ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە تەۋە بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە پۇتتىكى ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. بۇرۇقتۇرمىلىقنى يوقىتىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ
ئاچچىقلانغاندا ئۆزىمىزنى بىلمىگەن ئاساستا پۇتىمىزنى يەرگە ئۇرىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ مېڭىش ھاسىل قىلىدىغان تەۋرىنىش پۇتتىكى پەللىلەرگە تەسىر قىلىپ پاسسىپ كەيپىياتنى پەسەيتىپ، بۇرۇقتۇرمىلىقنى يوقىتىدۇ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.
ئۇنداقتا ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ مېڭىشنىڭ ئۆلچەملىك ھەرىكىتى قانداق بولىدۇ؟
بەدەننىڭ ئەركىن ھالىتىنى ساقلايمىز. چوڭ پاقالچاقنى يەر يۈزىدىن 30-40 سانتىمېتىر كۆتۈرىمىز. ئاندىن ئورۇنىمىزدا تۇرۇپ ئاستا-ئاستا قەدەملەپ مېڭىپ، بەدەننىڭ يىنىك تەۋرىنىشىنى ھاسىل قىلىپ، مۇشۇ ھالەتنى ئۈچتىن بەش مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ئورۇندا تۇرۇپ قەدەملەپ ماڭغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. زىيادە كۈچىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. پۇتقا ماس كېلىدىغان، راھەت ئاياغ تاللاش كېرەك.
3. ھەرىكەتتىن كېيىن پۇت مۇسكۇللىرىنى ئۇۋۇلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. سۆڭەك شالاڭلىشىش، پۇت قىسمىدا ياللۇغ بارلار ۋە يېقىندىن بۇيان سالامەتلىك ئەھۋالى تازا ياخشى بولمىغانلار بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك.