ساغلاملىق

ئاق چاچ ئۆسكەنلىك قېرىپ كەتكەنلىكمۇ؟

مۇقەددىمە: كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز تەدرىجىي بېشىمىزدا ئاق چېچىمىزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇنداقتا ئاق چاچ بولغان بولسا چوقۇم قېرىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ئاق چېچىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ قېرىش سۈرئىتىنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشىدىن ئەنسىرەيمىز، بىراق قېرىش بىلەن ئاق چاچنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟ تۇرمۇشتا نۇرغۇن سەۋەبلەر بىزدە ئاق چاچ ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ پەقەت ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئادەتتىكى بىر قىسىم دەم ئېلىش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم پوزىتسىيە، روھىي ھالەت، كەيپىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ ئاق چېچىمىزنىڭ كۆپىيىشى ياش سەۋەبىدىن بولۇشى ناتايىن، ئۇمۇ بەدىنىمىزدىكى بىر قىسىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

ئاق چاچ ئۆسكەنلىك قېرىپ كەتكەنلىكمۇ؟

بىرىنچىسى، ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى

1. ۋىتامىن كەملىك

بەدىنىمىزدە ۋىتامىن B كەمچىل بولغاندا، بىزدە ئاق چاچ پەيدا بولىدۇ، ئەگەر بەدىنىمىز قوبۇل قىلغان ۋىتامىن ئاز بولسا، چېچىمىز ئاقىرىپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى يىرىكلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق يېگۈمىز كەلمەيدىغان ياكى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىمىز يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ۋىتامىن يېتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا چاچنىڭ ئەتراپىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، ئاق چاچنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىزدە ئاق چاچ ئۆسسۈشتىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ۋىتامىن تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشڭىز كېرەك.

ئاق چاچ ئۆسكەنلىك قېرىپ كەتكەنلىكمۇ؟

2. ئاقسىل كەمچىل بولۇش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز دائىم گۆش ياكى تۇخۇم قاتارلىقلارنى يەيمىز، بۇلار بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئاقسىلنى كۈچەيتىدۇ، ئەگەر بەدىنىمىزدە ئاقسىل مىقدارى بىر قەدەر ئاز، ياكى بەدەننىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئاقسىل كەمچىل بولسا، بىزگە ئاق چاچ ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىن شۇڭا، بىز مۇۋاپىق ھالدا گۆش يەپ، بەدىنىمىزدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ئاق چاچ پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاق چاچ پەيدا بولغاندا، پەقەت يېشىنىلا ئويلاشماي، بەلكىم بەدەندىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ بىر قەدەر ئاز بولۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا ئاقسىل تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاق چاچ ئۆسكەنلىك قېرىپ كەتكەنلىكمۇ؟

3. تەشۋىشلىنىش

ئەگەر بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەيپىياتىمىز ياخشى بولمىسا، تەشۋىشلىنىپ، ئاسان بىئارام بولىدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئاق چاچ پەيدا بولۇشى مۇمكىن، كونىلاردا «بىر كېچىدىلا چېچى ئاقىرىپ كېتىپتۇ» دېگەن گەپ بار، بۇ بىر كېچىدىلا چېچى ئاقىرىپ كېتىش دېگىنىمىز كەيپىياتى ناچار بولۇش سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ. يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىپ چۈشكۈنلىشىش، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز يەنىلا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك، ھەر جەھەتتىكى ئىشلارنى باتۇرلۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، چۈشكۈنلەشكەن مۇشۇنداق بىر خىل كەيپىيات ھالىتىنىڭ بىزگە ئاق چاچ پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

ئاق چاچ ئۆسكەنلىك قېرىپ كەتكەنلىكمۇ؟

ئىككىنچىسى، ئاق چاچنى ئازايتىش ئۇسۇلى

يۇقىرىقى بىر قانچە جەھەتتىن چۈشىنىش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بىزگە ئاق چاچ ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۈزۈكسىز قېرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى ناتايىن، بەلكىم بەدىنىمىزدە ۋىتامىن، ئاقسىل كەمچىل بولغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىز ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا گۆش ئىستېمال قىلىپ، بەدىنىمىزدىكى ۋىتامىن ئاقسىلىنى كۈچەيتىشىمىز ھەمدە بىر قەدەر ئازادە بولغان كەيپىياتنى ساقلىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئادەمنىڭ پۈتۈن ھالىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق چاچنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۆزىمىزنى ياش ھالەتتە ساقلىيالايمىز.

ئاق چاچ ئۆسكەنلىك قېرىپ كەتكەنلىكمۇ؟

خاتىمە: ئاق چاچ پەيدا بولغانلىقىنى ۋە بارغانسېرى كۆپەيگەنلېكىنى بايقىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ قېرىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل سەۋەب ۋىتامىن كەمچىل بولۇش ياكى ئاقسىل ئاز بولۇش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ياكى يېقىندىن بۇيانقى كەيپىياتىمىز ۋە بەدەن ھالىتىمىز ياخشى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئاق چاچ پەيدا بولغاندا، يۇقارقى بىر نەچچە خىل ئامىلنى ئويلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، ئەگەر ئاق چاچ بارغانسېرى كۆپەيسە، ئۇنداقتا داۋاملىق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىنىڭ قايسى جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلگەنلېكىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق ۋاقتىدا ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى