ساغلاملىق

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

ئ‍ەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خورەك تارتىش ئادىتى بار، ئەمما ئۆزى بىلمەيدۇ! بولۇپمۇ نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ «گۈلدۈرماما»دەك خورىكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن سىز ئ‍ويلاپ باقمىغان بىر ئ‍ىش بار، ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنكەن!

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە خورەك تارتىش ئەمەلىيەتتە سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنكەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئىسرائىلىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 600دىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنى تۆت يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە ئۇخلىغاندا نەپەسلىنىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكى بايقالغان.
بۇ خىل نەتىجە توغرىسىدا بىر خىل قاراش شۇكى، نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنى بۇ خىل ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك مۇھىتىغا ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ياشانغانلارنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ياكى سەكتە سەۋەبىدىن ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ۋاقىتلىق ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قالىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى بۇ خىل ئەھۋالغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەكۈن ئىلگىرىكى دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئوخشىمايدۇ: ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش سالامەتلىككە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

ئادەم نېمە ئۈچۈن خورەك تارتىدۇ؟
خورەك تارتىشنىڭ پىرىنسىپى: ئادەم ئۇخلىغاندا پۈتۈن بەدەن بوشىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كېكىردەكتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئورۇن توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، ھاۋا ئېقىمى تار ئورۇنغا ئۇرۇلۇپ، ئورتاق ئاۋاز بوشلۇقىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاۋاز چىقىرىپ، خورەك ئاۋازىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
❖خورەك تارتىش ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: يامان سۈپەتلىك خورەك تارتىش ۋە ياخشى سۈپەتلىك خورەك تارتىش؛
❖ياخشى سۈپەتلىك خورەك تارتىش: بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى ئۇخلاش ھالىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن: ئۇزاق ۋاقىت ئوڭدىسىغا يېتىش ياكى بىر مەزگىل زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولغان قىسقا ۋاقىتلىق خورەك تارتىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە خورەك ئاۋازى كىچىك، تەكشى رىتىملىق بولۇپ، كېسەللىك كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدۇ، بۇ «ياخشى سۈپەتلىك خورەك تارتىش» دەپ ئاتىلىدۇ، داۋالاشنىڭ ھاجتى يوق.
❖يامان سۈپەتلىك خورەك تارتىش: ئادەتتە كىشىلەر ئېيتىدىغان «خورەك ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك» بولۇپ، يەنە دائىم تۇرۇپ ـ تۇرۇپ نەپەس ئالالماي قالىدۇ، ئاندىن بىر نەچچە سېكۈنت ھەتتا ئون نەچچە سېكۈنت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە خورەك تارتىشقا باشلايدۇ، مۇشۇنداق بىر نەچچە قېتىم تارتىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە نەپەس يوقاپ كېتىدۇ…
❖خورەك تارتقاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قالسا، ھوشيار بولۇش كېرەك، بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا بەدەندە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟
1. ئاسانلا ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەل خورەك تارتقۇچىدا كۈندۈزى مۈگدەش، چارچاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، خورەك تارتقۇچىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

2. ھەر خىل كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ
ئەگەر ئەسلىدىنلا دىيابېت كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۇخلىغاندا خورەك تارتىش ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، كېچىدە ئۇخلىغاندا پات ـ پات دېمى سىقىلىپ ئويغىنىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزى بېشى قايغاندەك، روھسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خورەك تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قالسا، ئاسانلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلى ئورنىدىن قوزغىلىپ ۋە يۈرەك زەئىپلىشىپ، بىمارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

3. ئاياللار خورەك تارتسا زىيىنى تېخىمۇ چوڭ
ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاياللار ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن تېرىسى قارامتۇل سېرىق، قوپال، ئېغىزى ئاچچىق، ئېغىزى سېسىق پۇراش، سېمىزلىك، ھەيز قالايمىقانلىشىش ياكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، ھەتتا 3 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتتىن بۇرۇن ھەيز توختاش ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويىدىكەن.
4. خورەك تارتقۇچى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغۇچىلار ئاسانلا گاس بولۇپ قالىدۇ
خورەك تارتىش ئۆزىگە ساغلاملىق تەسىرى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ئائىلىسىدىكىلەرگە شاۋقۇندىن بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ تېببىي ژۇرنال خورەك تارتىشنىڭ باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان – كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، دائىم خورەك تارتقۇچىلار بىلەن بىر ياستۇققا باش قويىدىغانلاردا ئاسانلا ئاغرىش، چارچاش ياكى ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئىككى قۇلىقى گاس بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

بۇ ئۈچ ئاددىي ئۇسۇل سىزنى %100 خورەك تارتقۇزمايدۇ
يۇتقۇنچاق بوشلۇقىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
❖تىل سوزۇش مەشىقى: ئامال بار تىلىنى سوزۇپ، يىغقاندىن كېيىن يەنە كۈچىنىڭ بارىچە سوزۇش، مۇشۇنداق ئايلاندۇرۇشنى ھەر قېتىمدا 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەش تاكى يۇتقۇنچاق بوشلۇقى بەك ئاچچىق ھېس قىلغانغا قەدەر ئىشلەش.
❖ئېغىزنى قۇرۇق چايقاش مەشىقى: ئ‍ېغىزغا سۇ ئ‍الماي قوۋۇزنى كۆپتۈرۈپ ئاندىن ئىچىگە تارتىش، مۇشۇنداق ئايلاندۇرۇشنى ھەر قېتىمدا 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەش تاكى يۇتقۇنچاق بوشلۇقى بەك ئاچچىق ھېس قىلغانغا قەدەر.
❖چىش مىلېكىنى چوتكىلاش: تىل بىلەن چىشنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى چىش مىلېكىنى تېز سۈرئ‍ەتتە چوتكىلاش، ئاۋۋال ئۈستۈنكى چىش مىلېكىنى يالاشنى تېز سۈرەتتە سولدىن ئوڭغا، ئاندىن ئوڭدىن سولغا سىيرىشنى ھەر قېتىمدا 50 قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەش، ئاندىن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئاستىنقى تاڭلاينىڭ چىش مىلېكىنى يالاش.
❖تىلنى يۆگەش: تىلنى ئۈستۈنكى تاڭلايغا تىرەپ تۇرۇپ، كۈچەپ گال تەرەپكە يۆگەش، تىلنى ئۈستۈنكى تاڭلايدىن ئايرىماسلىق، ھەر قېتىمدا 50 قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
❖چاي، پىياز، زەنجىۋىل، ھەسەل، بېلىق گۆشى خورەكنى يېڭىشتىكى «ئەڭگۈشتەر»، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ.

خورەك تارتىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟

❖كاۋاۋىچىندىن 5 ـ 10 تالنى ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان قايناقسۇغا دەملەپ، سوۋۇغاندىن كېيىن سۈيىنى ئۇدا بەش كۈن ئىچىپ بەرگەندە، كۆرۈنەرلىك ئ‍ۈنۈمگە ئ‍ېرىشكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى