ئاجايىباتلار

قارىماققا ناھايىتى غەلىتە كۆرۈنىدىغان سەككىز تۈرلۈك كەشپىيات

كەشپىيات ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر چوڭ ئامىل، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، كۆپ قېتىم تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان كەشپىياتلاردۇر. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كونا شەيئىلەرنىڭ ئورنىنى يېڭى شەيئىلەر ئالىدۇ، كەشپىياتلارمۇ ھەم شۇنداق. لېكىن بەزى كەشپىياتلار ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئشلىتىشتىن قالسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇنداق كەشپىياتلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىيات، يەنە بىرى قارىماققا ناھايىتى غەلىتە كۆرۈنىدىغان كەشپىياتلار. شۇڭا بۈگۈن بىز دەل مۇشۇنداق، قارىماققا ناھايىتى غەلىتە كۆرۈنىدىغان سەككىز تۈرلۈك كەشپىيات بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

1.سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ۋېلىسىپىت

كۆپىنچىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا سۇدىمۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان ۋېلسىپىت بولسىكەن، دەپ ئويلايتتۇق. 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بۇ ئارزۇنى مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشۇرۇش خېلىلا قىيىنغا توختايدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا كىشىلەر بۇ ئىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

«قۇيۇن ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ۋېلسىپىت، 1932-يىلى پارىژدا كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ كاۋاك چاقى سۇدا لەيلەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، رەسىمدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋېلسىپىتنىڭ سۆرەش كۈچى ئانچە چوڭ ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ كەشپىياتنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يوق، شۇڭا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشالمىغان.

2. كونا بالوندىن ياسالغان قۇتقۇزۇش كىيىمى

قۇتقۇزۇش كىيىمى ئىنتايىن قالتىس كەشپىيات بولۇپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ دېڭىزدا ساياھەت قىلىشنى ۋە ئېكسپېدىتسىيە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇمدۇر. ئۇنداقتا 20-ئەسىردىمۇ قۇتقۇزۇش كىيىمى بارمىدى؟ ئاۋۋال 1925-يىلى گېرمانىيەدە تارتىلغان بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ باقايلى، بۇ بىر خىل كونا بالوندىن ياسالغان يەل قاچىلانغان قۇتقۇزۇش كىيىمى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ بىر دۆۋە بالوننى بەدەنگە يۆگىۋېلىش ئۇسۇلى، قارىماققا سەل كۈلكىلىك كۆرۈنىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ لەيلىتىش ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. لېكىن دەل مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە كۆپلىگەن سىناقلار نەتىجىسىدە، كېيىنچە تېخىمۇ ياخشى قۇتقۇزۇش كىيىملىرى بارلىققا كەلگەن.

3. ياغاچتىن ياسالغان سۇ ئۈزۈش كىيىمى

ئىلگىرى ئاياللارنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيمىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ھازىرقى سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى، دەۋر تەرەققىياتى، ماتېرىياللارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ئاندىن بارلىققا كەلگەن، دېيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئامېرىكىدا، بالوندىن ياسالغان قۇتقۇزۇش كىيىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاجايىپ بىر خىل كەشپىيات بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ شەمشاد ياغىچىدىن ياسالغان سۇ ئۈزۈش كىيىمى قارىماققا غەلىتە كۆرۈنسىمۇ، لېكىن تارىختا ھەقىقىي بار بولغان نەرسە ئىدى. ئۇنى ياساشتىكى مەقسەت بولسا، تېخنىكىسى بىرقەدەر ناچار بولغان سۇ ئۈزگۈچىلەر ئۈچۈن، بىر خىل لەيلەش ئۈنۈمى يارىتىش ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپلا قالماستىن، يەنە قوپال ياغاچ يۈزى ئادەم بەدىنىگە بىئاراملىق ئېلىپ كېلەتتى.

4. توك بىلەن ئىسسىتىلىدىغان چاپان

ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بەدىنىمىزنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. ھەتتا بەزىدە «ئۆزلۈكىدىن ئىسسىيدىغان چاپان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە!» دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا، بەدەننى ئىسسىتىش ئىقتىدارى بولغان بىر خىل چاپان كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، توك ئارقىلىق ئىسسىقلىق چىقىراتتى. ئۇ دەۋرلەردە تېخى كۆچمە توك مەنبەسى بولمىغاچقا، ئۇنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم توك بىلەن تەمىنلەيدىغان جاينى تېپىشىڭىز كېرەك ئىدى. دېمەك سىز يول يۈرگەندە ئۇنى ئىشلىتەلمەيسىز، شۇڭا بۇ چاننىڭ مۇشۇ كەمچىللىكى، ئۇنىڭ كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، پەقەت بەزى ئالاھىدە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارلا، ئۇنى ئېلىپ ئىشلىتەلەيتتى.

لېكىن دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەشپىياتلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، مەسىلەن، يېقىندا Flexwarm دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل توك بىلەن ئىسسىيدىغان چاپان بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇ يول يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا بەدىنىڭىزنى ئىسسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى يانفونىڭىزغا ئۇلاش ئارقىلىق كونترول قىلالايسىز.

5.قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى

بۇ كۆزئەينەك يەنە «قار كۆز ئەينىكى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن بولغان ئىنيۇت ۋە يۇپىك ئادەملىرى، قار قارىغۇسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچە قار كۆز ئەينىكىنىڭ تارىخىنى 2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. قەدىمكى زاماندا بۇ خىل كۆزەينە شەمشاد، سۆڭەك، ياكى پىل چىشىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى بەزى كىشىلەر ھەتتا كۆمۈر ئىسى ۋە مايدىن ياسالغان ئارىلاشما ئارقىلىق، قارلىق دالىدىكى كۈچلۈك نۇردىن ساقلانغان.

6. چىۋىن تاپانچىسى

ئادەمنى بىزار قىلىدىغان چىۋىننى كۆرگەندە، بىز دائىم پالاق ئارقىلىق ئۇنىڭ «ئەدىپىنى» بېرىمىز. لېكىن ئىلگىرى بەزىلەر چىۋىنغا تاقابىل تۇرىدىغان غەلىتە بىر نەرسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ كەشپىياتنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرى شۇكى، ئۇ كىچىك دوستلارنىڭ كىچىك سۇ تاپانچىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا چىۋىن ئۆلتۈرۈش سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان بولۇپ، ئەگەر سىز چىۋىننى ئۆلتۈرمەكچى بولسىڭىز، پەقەت قارىغا ئېتىش ماھارىتىڭىز ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەلىيىڭىزمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى چىۋىننىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ئالدىن پەرەز قىلىش ناھايىتى تەس.

7. كونا پاسوندىكى تازىلىق قەغىزى

گەرچە تازىلىق قەغىزى 1857-يىلى تۇنجى قېتىم بىر خىل تاۋار سۈپىتىدە بازارغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇنى «6-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە جۇڭگونىڭ مەلۇم بىر يېرىدە كەشىپ قىلىنغان» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆتمۈشتە، ھاجەت ئۈچۈن قەغەز ئىشلىتىش خاتا ئىش دەپ قارىلاتتى. چۈنكى قەغەز بىلەن بىلىم ئىزچىل ھالدا بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئۇقۇم ئىدى. شۇڭا بۇرۇنقى كىشىلەر دەرەخ يوپۇرمىقىدىن تارتىپ تاشقىچە، ھەتتا قۇلۇلە قېپىغىچە بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ چىققان بولسىمۇ قەغەزنى ئىشلەتمىگەن. ئامېرىكا مۇستەملىكە مەزگىلىدە بولسا، كىشىلەر كۆممىقوناق مەدىكى، قۇرۇق ئوت-چۆپ قاتارلىقلاردىن تەرەققىي قىلىپ، كېيىنچە گېزىت ئىشلىتىشكە باشلىغان.

8. بوۋاقلار سەگەنچۈكى

گەرچە كىشىلەرنىڭ بۇ خىل سەگەنچۈككە بولغان چۈشەنچىسى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر مەزگىل كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل لايىھە قارىماققا «بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رىشتىسىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغاندەك» كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلەتتى.

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى