ساغلاملىق

ئەرلەر قانداق قىلغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ

ھازىر ئاياللار ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئەرلەرمۇ تاشقى قىياپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ كەتتى، ياخشى تاشقى قىياپەت كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارغىمۇ ياخشى تەسىر بېرىدۇ. لېكىن ھەممە ئىشلار كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ، ھازىر چاچ چۈشۈش مەسىلىسى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ، ئۇلارنى ياش تۇرۇپلا تاقىر باشلارغا ئايلىنىپ قىلىش خەۋپىگە دۇچار قىلماقتا. ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

چاچ

1. تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئەرلەر چۈشەنمەيدۇ. تاماكا چېكىش باش تېرىسىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، چاچنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھاراقنى كۆپ ئىچىش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، چاچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يېتىشمىسىمۇ ئاسانلا چاچ چۈشىدۇ. شۇڭا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشتەك يامان ئىللەتلەرنى تۈزىتىش كېرەك، تاقىر باش بولۇپ بولغاندىن كېيىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا ئىزدەپ يۈرگەننىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق.

ئەر

2. بەك مايلىق نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

نۇرغۇن ئەرلەر مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مايلىق يېمەكلىكلەرنى بىر قەدەر مەززىلىك دەپ قارايدۇ. گەرچە ھەقىقەتەن شۇنداق بولسىمۇ، ئەرلەر بەك مايلىق يەپ كەتسە، ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ماي زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەندە تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىپ، باش تېرىسىنىڭ ماي ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىپ، چاچ زىيادە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماي مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرمۇ يەنە جىگەرنى ماي قاپلاش، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كەلگەندە ئېھتىياتچان بولۇش، چېچىنى سىلاپ بېقىپ، ئۆزىگە بېشارەت بېرىش كېرەك.

3. بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن مۇھىم.

ئەرلەرنىڭ نۇرغۇن بېسىملىرى بولىدۇ، بۇ بېسىملار ئائىلىدىن، كەسىپتىنمۇ كېلىدۇ، ئەگەر بۇ بېسىملار ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، تەشۋىشلىنىش ياكى باشقا ناچار كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ. تەشۋىشلەنگەن ئادەمنىڭ چېچى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ، باشقا ناچار كەيپىياتلارمۇ تەشۋىشلىنىش بىلەن ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنىڭ بېسىمىنى قانداق يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

4. چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

تۇرمۇشتا نۇرغۇن يېمەكلىكلەر چاچقا پايدىلىق، مەسىلەن قارا كۈنجۈت، قامچىئوتقا ئوخشاش جۇڭگو تېبابىتى ساھەسىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان جۇڭيى دورىلىرى چاچ ئاسرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئورۇق گۆشنى كۆپرەك يېسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن b ۋە ئاقسىل مول بولۇپ، چاچنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكىمۇ ناھايىتى پايدىلىق. كۆكتات، مېۋىلەرنىمۇ كۆپ يېيىش، بەدەنگە ئومۇميۈزلۈك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى
 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى