ساغلاملىق

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشتىن ساقلىنىش كېرەك!

ھامىلىدار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەيلى بالا ياكى ھامىلىدار ئايال بولسۇن ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىت ئىچىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەپسىلاتلار ناھايىتى كۆپ، پەقەت ھەر ۋاقىت بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئانا – بالا زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ بەش ئىشتىن ساقلىنىش كېرەك!

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟

1. چاينى ئاز ئىچىش

نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى چاي ئىچىش ئادىتى بار، چۈنكى چاي ئىچكەندە مىجەز خۇلقنى تەڭشەپ قالماستىن، يەنە ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ. لېكىن، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن چاي ئىچىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. چاي ئىچكەن تەقدىردىمۇ بەك قېنىق چاي ئىچمەسلىك، ھەم كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى چاي تەركىبىدە كوفېئىن بار بولۇپ، كوفېئىننىڭ روھلاندۇرۇش رولى بار، بالىنىڭ تەۋرەش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

2. ئىچىملىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىك

بەزى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ كوفېئىن ياكى كولونىنىڭ تەركىبى بار بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار كوفېئىن ياكى كولونىن ئىستېمال قىلسا كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا كوفېئىن ۋە كولونىن ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى، يۈرىكى، جىگىرى قاتارلىق بەزى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن بەزى تۇغما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ئىچىملىكنى كۆپ ئىچمەسلىكتىن باشقا يەنە ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ھاراقنىڭ ئىچىدىكى ئېتىل ئىسپىرتى ھامىلىنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىدۇ. ھامىلە ئېتىل ئالكوھولنى قوبۇل قىلسا، ئاسانلا ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، چىرايى غەيرى بولۇش، بويى پاكار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

3. ئاچچىقسۇنى كۆپ ئىچمەسلىك

ھامىلىدار بولۇپ يېرىم ئاي ئىچىدە ئاچچىقسۇ ۋە بەزى كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. بۇ كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھامىلىدارلارنى چارچىتىۋېتىدۇ ياكى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ.

4. دولانانى كۆپ يېمەسلىك

دولانا گەرچە ھامىلىدارلىقتىن قۇسۇش ئالامەتلىرىنى يېنىكلەتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھامىلىدارلارغا نۇرغۇن زىيىنى بار، مەسىلەن، بالىياتقۇنى تارايتىپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تەبىئىتى ئىسسىق دورا-دەرمەكلەرنى يېمەسلىك

ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەكلەرنى، مەسىلەن، شاكال بەدىيان، زىرە، كاۋاۋىچىن، قىزىلمۇچ، بەش خىل پۇراقلىق تالقان قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. بۇ تېتىتقۇلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۈچەيدىكى سۇ مىقدارى ئازلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن زىيادە ھەرىكەت قىلماسلىق، جىددىيلەشمەسلىك بىلەن بىرگە، يەپ-ئىچىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى