تەبىئەت

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار بەلكىم دېڭىز ئاناناس قورۇمىسىنى يەپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ياپونىيەلىكلەر بىلەن كورېيەلىكلەر ئادەتتە بۇنى خام يەيدۇ، بۇ خىل يېمەكلىك دېڭىزدا ئۆسىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاناناسقا ئوخشايدىغانلىقىنى ئۈچۈن دېڭىز ئاناناسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئاناناسقا ئوخشايدىغان بۇ يېمەكلىك مېۋە ئەمەس، ئۆسۈملۈكمۇ ئەمەس، بەلكى ھايۋاندۇر.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

بۇ خىل ھايۋاننىڭ ئىسمى ئاسسىدىيە بولۇپ، كىشىلەر بۇ خىل ھايۋاننىڭ ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەنلىكىنى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

ئاسسىدىيە دېڭىز ئاستىدىكى تاغ جىنسلىرىغا يىلتىز تارتىپ ياشايدىغان بولۇپ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، قارىماققا ئۆسۈملۈككە ئوخشىسىمۇ، لېكىن ئاسسىدىيە ھەقىقىي بىر ھايۋان.

قوش ماكانلىقلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، سۈت ئەمگۈچىلەر، بېلىقلار قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قىسمى خوردىلىق ھايۋانلار بولۇپ، ئاسسىدىيە خوردىلىق ھايۋانغا تەۋە.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

ئاسسىدىيەنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى خوردا ئۇلار تۇغۇلۇپ بىر كۈن ئىچىدىلا يوقىلىپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇلار مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىشەنچلىك جايلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار مۇقىم جايدا يىلتىز تارتىپ ئۆسكەندىن كېيىن، ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت تۇغما قابىلىيىتىگە تايىنىپ ھاياتىنى ساقلايدۇ.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەرقى نېمە؟

ھايۋانلارنىڭ كاللىسى تەپەككۇر قىلىدۇ، تېنى ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەمما ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېڭىسى بولمايدۇ ھەم ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئاسسىدىيە ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى يوقىتىپلا قالماستىن، يەنە بىر يەردە مۇقىملىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ھەرىكەت قىلمايدۇ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئۆسۈملۈك دەپ قارىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

ئاسسىدىيە يېڭى تۇغۇلغاندا شەكلى قۇمچاققا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ لىچىنكا باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئۇلارنىڭ يەنىلا بېشى بار، سۇ ئۈزەلەيدۇ، لەيلىگۈچى جانلىقلارنى يەيدۇ. بۇ باسقۇچ پەقەت 12 سائەتلا داۋاملىشىدۇ، بۇ 12 سائەت ئىچىدە ئۇلار مۇۋاپىق ئورۇن تاپالمىغاندا، تەبىئيلا دېڭىز ئاستىدىكى ئوزۇقلۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

12 سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق ئورۇن تىپىپ مۇقىملاشقاندا، ئاندىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بۇ تەتۈر ھالەت ئۆزگەرتىش دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئادەتتىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھالەتكە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

بۇ باسقۇچتا ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى يوقىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ. كېيىن ئاغزىنى يوغان ئېچىپ دېڭىز سۈيىنىڭ لەيلىگۈچى جانلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرسىلا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ خورىتىدۇ، شۇڭا چوڭ مېڭە قىسمىدا بىر نېرۋا تۈگۈنى قىلىپ ئىچكى ئەزالىرىنى كونترول قىلىدۇ، قالغان قىسمىنى ئۆزى يەۋېتىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تالا ماددىسى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۆزىنى نىقابلاپ، ئۆزىنى ئۆسۈملۈككە تېخىمۇ ئوخشىتىۋالىدۇ، شۇڭا بېلىق تۈرىدىكىلەر ئۇلارنى يېمەيدۇ.

ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى يەۋېتىش تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەدرىجىي تەرەققىياتتىن ۋاز كېچىپ ئۆسۈملۈككە ئايلىنىش جاپالىق ياشاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈندۇر.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

12 كۈن ئىچىدە ئاسسىدىيەنىڭ يېڭى ئىچكى ئەزالىرى ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ خىل كۈچلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئاسسىدىيەنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يەر شارىدا ياشاۋاتقىنىغا 500 مىليون يىل بولدى.

مېڭىسىنى يەپ ئۆسۈملۈككە ئوخشىۋالىدىغان غەلىتە ھايۋان

ئاسسىدىيەنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ياپونىيە، كورېيەدە كۆپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى